ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى باشلىدى

خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى باشلىدى

6- ئىيۇل تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 800دىن ئارتۇق مەھسۇلاتتىن %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى بۈگۈندىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلاش بىلەن سودا ئۇرۇشى باشلانغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «تېخنولوگىيە ئوغرىلاش ۋە ئادالەتسىز سودا سىياسىتى يولغا قويۇش»بىلەن ئەيىبلەپ،  خىتايدىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلاردىن 50مىليارد دوللار قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇشنى قارار قىلغانىدى، بۈگۈن بۇ بەلگىلىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق قىسمى ۋاشىنگىتون ۋاقتى سائەت 00:01 دە رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

خىتاينىڭ مۇداپىئە، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىگە قارىتىلغان %25لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسى يادرو رىئاكتورلىرى، گاز تۇربىنلىرى، ھاۋا ۋە گاز قويۇقلاندۇرىدىغان ماشىنىلار، دوخوپكىلار ۋە سودا كىر يۇيۇش ماشىنىلىرى بولۇپ جەمئىي 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 818 خىل مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاقساراي 16 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 300گە يېقىن مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى بۇ ئاينىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى يول قويۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ۋاشىنگىتون يولغا قويۇشقا باشلىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە قارشى بۈگۈندىن باشلاپ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گاۋ فېڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى ئوقنى چىقىرىدىغان تەرەپ بولمايدۇ، بىراق ئامېرىكا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغان تەقدىردە، خىتايمۇ دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت ئۆتۈشكە مەجبۇردۇر، دېگەن مەزمۇندا بايانات بەردى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا سودا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن بۇ ئۆزگىرىشلەر، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل مارتتا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىنلاردىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن باشلىغانىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ