<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي بىلەن ئامېرىكنىڭ سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىش ئالدىدا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-05 19:11:02 جەمئى 919 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي بىلەن ئامېرىكنىڭ سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىش ئالدىدا

خىتاي بىلەن ئامېرىكنىڭ سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىش ئالدىدا
5- ئىيۇل قېرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دە «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىنى تورمۇزلاپ قالالمايدۇ» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە، «خىتاي ئەگەر ئامېرىكا ئىمپورت قىلىنغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىغان تەقدىردە، خىتاي ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، كېرەكلىك چارىلەرنى قوللىنىدۇ»دىيىلگەن.
ماقالىدە يەنە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گوۋ فىڭ ئەتە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشى مۆلچەرلەنگەن 34 مىليارد دوللارلىق خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا قويۇلىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى باشلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىغا دائىر ئەندىشىلەر ئۈستىدە توختالغان بولۇپ :«تەھدىتلىرىگە بويۇن ئەگمەيمىز. ئەركىن سودىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش جەھەتتىكى ئىرادىمىز قەتئىي » دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە، «خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ھەرگىز دەسلەپكى ئوقنى ئېتىشنى خالىمايدۇ، ئەگەر ئامېرىكا باج تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرسا ئۆزىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز» دېگەن.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» تىنىڭ باش ماقالىسىدە يەنە، «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى سودا تىجارىتى ئارقىلىق تورمۇزلاپ قالالمايدۇ، خىتاي ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدۇ. سودا ھەققىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان مەسىلە. بىراق ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىنى توسۇپ قىلىشنى ۋە تېخنىكا ساھەسىدە يېتىم قالدۇرۇشنى ئويلىغان بولسا، ئۇ چاغدا مەسىلە ئۆزگىرىدۇ. ئامېرىكا خىتاي بىلەن توقۇنۇشنى خالاپ توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا، ترامپ ھۆكۈمىتى توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندا ئاندىن ئەقلى جايىغا كېلىدۇ» دېگەنلەر بىلدۈرۈلگەن.
ئەسلىدە خىتاينىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىنى خىتايغا تېخنىكا يۆتكەشكە مەجبۇر قىلىش ياكى سانائەت جاسۇسلۇقى قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، ترامپ ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى ئاشۇرغان ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ