ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دىنسىز قىلىپ چىقىش ھەرىكىتىنى كۈچەيىتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-11 11:31:38 جەمئى 1495 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دىنسىز قىلىپ چىقىش ھەرىكىتىنى كۈچەيىتتى

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دىنسىز قىلىپ چىقىش ھەرىكىتىنى كۈچەيىتتى
11- ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى «تەمىنات-سودا تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى»دە ئوقىۋاتقان ئۇيغۇ، قازاق ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق كونترول قىلغان.
مەكتەپ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەر مۇخبىرغا: تەمىنات-سودا تېخنىك ئىشچىلار مەكتىۋىنىڭ قورشاۋ تاملىرىغا تىكەنلىك سىملارنى قويغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت توك كالتىكى تۇتقان ساقچىلار مەكتەپ ئەتراپىنى چارلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
مەزكۇر مەكتەپتە 10 نەچچە قازاق ئوقۇغۇچىدىن باشقا 14 ياشتىن 20 ياشقىچە 800 دەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىننىڭ تەسىرىگە ئۈچراپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن ئايرىلىشنى، يېنىدا يانڧۇن ساقلاپ ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشنى چەكلىگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇقىملىق نامى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئائىلىدىكى دىنى مۇھىتتىن ئايرىپ ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى دىنى چۈشەنچىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىن ئايرىپ سۇلاق ئىچىدە دىنسىزلىكنى مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى مۇخبىرغا: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق باشقۇرغاندىن سىرت ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ قاتتىق كونترول قىلغانلىقىنى، خىتاي ساقچىلىرى 2018- يىلى 6- ئايدا 40 نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ يانڧۇنىنى تەشكۈرۈش ئارقىلىق ئالتە ئوقۇغۇچىنىڭ يانڧۇنىدىن« سەزگۈر ئۇچۇرلار چىقتى» دېگەن تۆھمەت بىلەن لاگېرغا تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ