ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىپ ئائىلىلەرنى پارچىلاشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-09 13:11:39 جەمئى 6920 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىپ ئائىلىلەرنى پارچىلاشقا باشلىدى

خىتاي ئۇيغۇرلارنى  مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىپ ئائىلىلەرنى پارچىلاشقا باشلىدى 

9- يانۋار ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر شاھىد ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندىن ئىگىلىگەن يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە يەتكۈزۈپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن جەمئىيەتتە قالغان ئاياللانى مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلاش سالمىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:
ئەرلەرنىڭ بىر قىسمى تۈرمە، بىر قىسمى لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلىنىدى. بىر ئەترەتتە بەش، ئالتىدەك ئەر كىشى قالدى. ئۇلار كۈنبويى كەنتنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدۇ ياكى ھاشارغا ئىشلەشكە مەجبۇرلاندى. ئېرى تۈرمە ياكى لاگېرغا توتقۇن قىلىغان ئاياللارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنغاندىن كېين تىجارەت كىنىشكىسى ياكى زاۋۇتلار بىلەن قىلغان ئىش توختىمى بولمىغان 15 ياشتىن يۇقىرى 40 ياشتىن تۆۋەن ئاياللارنى يۇرتىدىن مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىشقا باشلىدى. 40 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار بىرەر زاۋۇت بىلەن تۇزگەن ئىش توختامىنى كۆرسەتسە ئاندىن يۇرتىدا قالىدىكەن. بولمىسا ئۇلارنىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىدىكەن. ئاياللار « ئاتا- ئانام ياكى بالامنىڭ باققۇچىسى يوق » دېگەن ھامان ئۇلارنىڭ ئانا- ئانىسىنى ساناتورىيىگە، پەرزەتلىرىنى بالىلار لاگىرىغا مەجبۇرى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئاياللارنى كەنتتىكى ماراقچىلار بىرگە ئېلىپ مېڭىپ، ئۇلار نەگە بارسا بىرگە تۇرۇپ نازارەت قىلىدىكەن. ئىشلىگەن زاۋۇتتىن بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆيىگە بېرىشقا روخسەت قىلىدىغانلىقىنى، ئويگە بېرپ كېلىش ۋاقتى ئالتە كۈن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئۆيگە ئۆزىمىز يالغۇر بېرىشىمىزغا يول قويۇلمايدىكەن. چوقۇم كەنتتىن بەلگىلەنگەن ماراقچىلار بىرگە ئېلىپ ماڭىدىكەن. ئايلىقىمىزغا بىز خالايلى ياكى خالىمايلى 1000 ياكى 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىدىكەن. بىزنىڭ ئىش ھەققى ئاز بولۇپ قالدى دېيىش ھەققىمىز يوق ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ