ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە كىرگۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-05 11:10:25 جەمئى 3990 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە كىرگۈزۈلدى

خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە كىرگۈزۈلدى

3-فېۋرال زىمىستان تورى بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇتقۇنلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن شەنشى، گەنسۇ  قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئەھۋالى داۋاملىق ئاشكارىلانغان.

نۆۋەتتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى كەڭ  كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ھەققىدىكى ئىچكى خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. تۇتقۇنلارنى يۆتكەش مەخپىيەتلىكى قاتتىق ساقلانغاچقا، يۆتكەلگەن تۇتقۇنلارنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئىگىلەش قىيىن بولغان. يېقىندا زىمىستان تورى مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئەھۋالى قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ئىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەنشى ئۆلكىسى تۇڭچۇەن شەھىرى سۈيجىياگۇ تۈرمىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىن يۆتكەپ كېلىنگەن 3000 ئۇيغۇر بار ئىكەن. ئۇلار مەخپى ئورۇنلاشتۇرۇلغان پويىز بىلەن شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، قوراللىق ساقچىلار تۇتقۇنلارنى  يۈك ماشىنىلىرى بىلەن سۈيجىياگۇ تۈرمىسىگە يۆتكىگەن.

خىتاي كوممۇنسىتىك پارتىيەسىنىڭ  ئىچكى قىسمىدىكى بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يۆتكەپ كېلىنگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇچۇرنى قاتتىق تىزگىنلىمەكتە ئىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت مۇخبىرغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە سۇجۇ رايونىدىكى بىر تۈرمىگە بارىدىغان يول بۆلىكىنى ئۈچ كۈن قاتتىق كونترول قىلىپ، يولدا ماشىنا ۋە ئادەملەرنىڭ مېڭىشىنى، ھەتتا يەرلىك كىشلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى، ھويلا ۋە يوللارنىڭ چىرىغىنى يېقىشىنى، دۇكان ئېچىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكىنى، دەل مۇشۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن گەنسۇ يول بۆلىكىنى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قاتتىق كونترول قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە يەنە ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىكەن. تۇتقۇنلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى تەدرىجىي يوقىتىش ئۈچۈن، تۇتقۇنلارغا كۈندە بىر ۋاقلا تاماق بېرىپ، خورلاشقا باشلىغان.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ بىر قانچە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنى لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىپ، ئۇلارغا ساختا مەيدان كۆرسىتىپ، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ ئەسەبىي، تېررورچىلارنى تەربىيەلەشتە ئۈنۈم ياراتقانلىقىنى، ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى»گە تۇتقۇن قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانچە ئازلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق لاگېرغا تاشلانغان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ