ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتتى

خىتاي ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتتى
6- ئىيۇل china aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي رىجىمى خىتايدىكى ھەر قايسى ئايرودرومدا شەرقىي تۈركىستانلىق بولغان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قازاق تىجارەتچى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:« خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن كەمسىتىدۇ. ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە كەمسىتىپلا قالماي بەلكى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىمۇ قاتتىق كەمسىتىدۇ ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلىدۇ. قانداق بىر ئايرودرومدا شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر، قازاق ، تۇڭگان بايقالسا ئايرىم ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ تەپسىلى سوراق قىلىپلا قالماي ، بەلكى تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ساقچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ، تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ساقچىلىرىمۇ سىنلىق ئېكران ئارقىلىق ئائىلە ئەھۋالى، توغقانلىرى، ئادەتتە يېقىن ئۆتىدىغان كىشلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلى سورىغاندىن كېيىن خالىسا قويوپ بىرىدۇ خالىسا تۇتۇپ قالىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: « مەن بۇ يىل 3- ئايدا كورىيىدىن گۇاڭجۇغا بارغان ئىدىم. خىتاينىڭ چېگرا ساقچىلىرى كىملىكىدىن شەرقىي تۈركىستاندا توغۇلغانلىقىمنى بايقاپ مىنى ئايرىم ئۆيگە چاقىردى. ئايرىم ئۆيدە بەش سائەت سوراق قىلدى. سوراقتا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققىلى قانچە يىل بولغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا قانچە تۇغقىنىنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى تەپسىلى سورىدى. ئاخىردا توغۇلغان يۇرتۇم غۇلجىدىكى ساقچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، مىنىڭ سالاھىيىتىمنى تەكشۈردى»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ