ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى
4-مارت ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كانادانىڭ خۇاۋېي شىركىتى مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجونى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى لۇ كاڭ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ كانادانىڭ مىڭ ۋەنجونى ئامېرىكىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا9 قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى،
بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ئۆزئارا جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاي پۇقراسىغا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئىشقا سالغانلىقىنى ھەمدە خىتاي پۇقراسىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لۇ كاڭ باياناتىدا يەنە ئامېرىكىنى مىڭ ۋەنجونى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە نازارەتكە ئېلىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە، كانادانى مىڭ ۋەنجونى بالدۇرراق قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ