ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشتە قىيىن ئەھۋالدا قالماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-15 17:35:12 جەمئى 6125 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشتە قىيىن ئەھۋالدا قالماقتا

خىتاي ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشتە قىيىن ئەھۋالدا قالماقتا

KADİR TEMİZ قادىر تېمىز  

   

    ئامېرىكا پىرىزدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى پەقاتلا رايون خاراكتېرلىق ئەھۋال دەپ قاراش توغرا ئەمەس. ئامېرىكا خىتاينىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان خەلقئارادىكى تەسىرىنى شۇنداقلا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرىنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ.

   دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنىڭ كەينىدىكى سەۋەبلەر ئاساسى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە مەركەزلەشمەكتە. بۇ قارارنىڭ تۇنجى ۋە ئېنىق نەتىجىسى تەبىئى ھالدا سۈرىيە ھەم ئەتراپىدا كۆرۈلىدۇ. ئەمما دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى پەقاتلا رايون خاراكتېرلىق ئەھۋال دەپ قاراش توغرا ئەمەس. چۈنكى سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىنىڭ ئالدى- كەينىدە ھەم ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئورگانلاردا ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى ئارىسىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۇ ماقالىنىڭ ئاساسى مەقسىتى بولسا ئامېرىكا، خىتاينىڭ تىزگىنلەشكە مۇمكىن بولمىغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان خەتەرلىك ئامىللارنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، تەھدىت دەپ قارالغان مەسىلىلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

    ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئۇرۇش

قالايمىقانچىلىقى سەۋەبلىك سۈرىيە، ئىراق، يەمەن ۋە پەلەستىنگە ئوخشاش داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنىپ تۇرمىغان بولسىمۇ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كىرىزىس ۋە سەۋەپلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىپ تۇرغان دۆلەتلەر ئۈچۈن تاسادىپى ئەھۋال ئەمەس. ھازىر ئامېرىكا خىتايدىن قورقۇپ چىقىرىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنىمۇ ۋاقتىدا چىقىرالماي قېلىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا خاتىرجەملىك ئىچىدە 40 يىلدىن بۇيان ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلىپ، ئىقتىساد ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ  خەلقئارادا يېڭى پۇرسەتلەرنى سۇنماقتا. ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، بىز خىتايدىن قورقۇپ ماڭىدىغان يولىنى تاپالماي قېلىۋاتقان ئامېرىكىغا ئەگىشىمىزمۇ ياكى خەلقئارادىكى ئاساسلىق كۈچ بولغان، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە پۈيدىلىق نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى سۇنۇۋاتقان خىتايغىمۇ؟

    بۇ ئىككى سۇئال پەقەت ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس دۇنيادىكى ئىقتىساد ۋە سىياسى سىستېمىنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا كەلگەن بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. يەنى تۈركىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنى دۇنيا

تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىگە ماسلاشتۇرۇپ يېڭىدىن بەلگىلەپ چىقىشى لازىم.

    يېقىن ئەتراپىمىزدىكى پىلانلىق ۋە ۋاقىتلىق ئۆزگىرىشلەرنى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، تۈركىيىنى سوغوق ئۇرۇشنىڭ تەسىرى بولغان قۇتۇپلىشىش، تەرەپ تۇتۇش زېھنىيىتىدىن قۇتقۇزۇش لازىم. رايون خاراكتېرلىق چەكلىك ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن قۇتۇلۇش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقىپ يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئىستىراتېگىيىلىك پىلان تۈزەپ،  بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش ياكى تەرەققى قىلالماسلىقتەك ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىپ پايدىلىق بولغان يېڭى پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئامېرىكىنىڭ تاشقى ساياسىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ پەقەت ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. ئوباما دەۋرى بىلەن باشلانغان، ھەر خىل تارىخى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بۈگۈنكى كۈنىمىزگە كەلگەن خىتاي مەركەزلىك يېڭى دەۋىر تاشقى سىياسىتى ئىستىراتېگىيىسى بىلەن خىتاي ۋە شەرقى ئاسىيادىكى ئۆزگىرىشچان ئەسكىرى ۋە بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن پۇرسەت زېمىنىدىن  پايدىلىنىش كېرەك.

   ئوباما دەۋرىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىگە قالدۇرغان مىراسى: خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىشمىتى؟

    ئامېرىكا ئۇزۇن يىلاردىن بۇيان خىتاينى ۋە خىتاينىڭ 1978- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى»نى كۈزۈتۈپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن 2008- يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئىقتىسادى كىرىز بىلەن باشلانغان تەھدىتنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇپ قالالىدى. بۇ كىرزىس 2011- يىلى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئاسىيا قالقىنى» ئىسىملىك يېڭى شەرقىي ئاسىيا ئىستىراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن چوڭ بىر كىرزىسكە ئايلىنالمىدى.

    1999- يىلى خىتاينىڭ يۇگۇسلاۋىيىنىڭ پايتەختى بېلگىرادتىكى ئەلچىخانىسى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسىنىڭ ئايرۇپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى. بۇ جەرياندا خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردىن ئەڭ كۆپ نېفىت سېتىۋالىدىغان دۆلەت ھالىغا كەلدى. خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئېغىر سۈركىلىش كېلىپ چىقتى. بۇ ۋەقەلەر ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى پرېزدېنتى ھېنرىي كىسسېنگېرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا خىتايغا قارشى قوللانغان سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىندى. خىتاي دائىرلىرى بۇ جەرياندا مەسىلىلىرىنى خەلقئارالىق سىستېمىگە ماسلاشقان ھالدا تىنچلىق ئىچىدە ھەل قىلغان بولدى. خىتاينىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالىشىدا، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك شىركەت ۋە چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە ئۇلارغا يول قويغانلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇردى.

    ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەت ئەسلىدە 1990- يىلىدىن ئېتىبارەن باشلانغان ئىدى. 2011- يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ روشەن كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 2000- يىلىغا كەلگەندە ھەر ئىككى تەرەپ كېلىپ چىققان رىقابەت سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ بىر- بىرسىنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشتى. خىتاي 15 يىل داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن 2001- يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى. خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاكتىپ رول ئېلىش ئارقىلىق خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادى، سىياسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىلالايدىغان يېڭى بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقچى بولدى. ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى، كيوتو مۇھىت قوغداش كىلىشىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلەردە خەلقئارا قانۇنلارغا ماسلىشىپ «ئورتاق جاۋاپكار لىق » چۈشەنچىسى بويىچە ھەرىكەت قىلدى.

    ئەمما 2008- يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئومۇمىيۈزلۈك يۈز بەرگەن كىرزىس خىتاي ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى مۇھىم كىرزىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىرىنچىسى، خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات جەريانىدا ئەمەلى ئەھۋالىغا قارىماي قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، غەرب دۇنياسى ئىقتىسادى تەرەققىياتى كىرىزگە ئۇچرىغاندا خىتاي ئىقتىسادىمۇ ئوخشاشلا كىرزىسكە ئۇچرىدى. ئىككىنچىسى، مەۋجۇت ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانىنى پەقەت خىتايغا خاس بولغان بىر ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. خىتاي 2013- يىلى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ خەلقئارادا زومىگەر ھەم كېڭەيمىچى بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي 2013- يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى ھەرقانچە ئاقلىسىمۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىقتىسادى تەرەققىيات جەريانىدا كېلىپ چىققىنىغا ئوخشاش ئۇنىڭمۇ ئۆز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە بولغان نوپۇسى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتمەكچى بولىۋاتقانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ باشلىنىشى ۋە كەسكىنلىشىشى مانا مۇشۇ جەرياندا باشلاندى.

    خىتاينىڭ «Made in China 2025» ئىستىراتېگىيىسى ۋە يۈكسەك تېخنىكىلىق

بويۇملاردا، سۈنئى ئەقىل ۋە ئالاقە- ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قارايدىغان بولساق رىقابەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ.

    خوش، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا قانداق پەرقلەر بار؟

 

خىتاينىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى

 

    خىتاي تەرەققى قىلىپ بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇنىڭ يېقىن قوشنىلىرى بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە زىددىيەتلىشىش كېلىپ چىقتى. بۇ زىددىيەتلەرنىڭ ئىلگىرى- كېيىن ئوخشاش تارىخلاردا يېڭىدىن ئەۋج ئالغانلىقى كۆرۈلمەكتە.  خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىدا ئەنسىرەشكە باشلىدى. بۇ زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلەلايمىز. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ئىچكى تېنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ تۆۋەنلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تەكشى بولماسلىقى، قەرز قايتۇرۇش ۋە بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان خەلق ئىچىدىكى دۆلەتكە ئىشەنمەسلىكتەك ئەھۋاللار خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن كۆرۈلۈشكە باشلىغان، كېيىنچە خىتاينىڭ پەرقلىق رايونلىرىغا كەڭىيىش ئېھتىمالى بولغان ئىشسىزلىق مەسىلىسى، مائاش ئادالەتسىزلىكى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قالايمىقانچىلىقلار. بۇ مەسىلىلەر ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازىرچە كونترول قىلغىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما خىتاي قىرىق يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلق تۇرمىشىنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن پايدىسىز ئامىللار يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىنىشى مۇمكىن.

     ئىككىنچى زىددىيەتلىك رايون بولسا، باشتا تەيۋەن مەسىلىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن شىمالى كۇرىيەنىڭ يادرو قورالى مەسىلىسى، كۇرىيەلىكلەرنىڭ بىرلىشىش مەسىلىسى، ياپۇنىيىنىڭ قوراللىنىش ئەھۋالى ۋە جەنۇبى خىتاي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى تالىشىشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان جىددىيچىلىك. خىتاي ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن كىلىشىپ، تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىنتايىن نازۇك بىر يول بولۇپ، ھەر ۋاقىت بىر كېلىشمەسلىككە ئۇچراش ئېھتىمالى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي داۋملىق شەرقى ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىمەكتە.

    خىتاينىڭ ئۈچۈنچى زىددىيەتلىك رايونى، بۇ ئەسلىدە يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئىككى زىددىيەتلىك رايوننىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان «غەربكە ئېچىلىش» ياكى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىدۇر. خىتاي «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنى خەلقئاراغا ئىقتىسادى جەھەتتىن تەرەققى قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ ئىستېراتېگىيىلىك پىلانى، بۇ پىلان دائىرىسىدىكى رايوندىلا ئەمەس يەنە دۇنيادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەرنىمۇ ئەنسىرىتىپ قويىۋاتىدۇ. بىز دىققەت قىلىدىغان بولساق بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ يوقىرقى ئىككى زىددىيەتلىك رايوندىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خىتاي بۇ پىلانى ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز كۈچى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئۈستۈنلۈكىنى قوغداپ قالماقچى بولىۋاتىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن مەلۇم بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن. 2015- يىلىدىن باشلاپ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۈرىيە توغرىلىق داۋاملىشىپ كەلگەن ئىتتىپاقلىق يېڭىدىن يوقىرى پەللىگە چىقىشى مۇمكىن.

    ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان رىقابەتلەر

    ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تەبىئى ھالدا يوقىرىقى ئۈچ نوقتا ئۈستىگە مەركەزلەشمەكتە. ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى تۇنجى ھەملىسى خىتاينىڭ يۇمشاق قارنى بولغان تىجارەت يوللىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىدىن باشلاندى. ئامېرىكىنىڭ بۇ نىشانى شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئەسلىدە «تىجارەت ئۇرۇشى» دەپ ئىسىم قويغان ۋەقەنىڭ جەريانى بېشىدىن تارتىپ تەھلىل قىلىنسا، بۇ ئىشنىڭ پەقەت تىجارەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى تەرەققىياتى، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنە بىر تەرەپتىن بانكىلاردىن ئالغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۈچۈن سىرتتىن كەلگەن ئىنسان ھەقلىرىدىن تارتىپ دېمۇكراتىيىگىچە بولغان بارلىق بېسىمغا قارشى ھاكىمىيىتىنى ھەم قانۇنلۇق ھۆكۈمەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانى بولاتتى.

    بۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئىقتىسادى كىرزىس خىتاي خەلقىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ، تىنچلىقىغىمۇ ئىنتايىن ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا خىتاي تىجارەت ئۇرۇشىدا داۋاملىق يول قويۇش سىياسىتى ئارقىلق ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن ئەمما خىتاي ئۈچۈن باشقا زىددىيەتلىك جايلارنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمايدىغانلىقى ئېنىق.

    ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا زىددىيەتلىك جايلاردىن بىرسى بولغان شەرقى ئاسىيا رايونىنىڭ ئۆزگىرىشچان سىياسى ۋەزىيىتى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇ رايون توغرىلىق 1950- يىلى قۇرۇلغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىگە ئاساسەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا جاھىللىق بىلەن شەرقى ئاسىيا رايونىنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىدىن سىزىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ تەلىۋى جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئوخشاشلا بىر تەرەپلىمىلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقى ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان بۇ بىر تەرەپلىمىلىك بىمەنە تەلىۋىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوققا چىقىرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ھازىر شەرقى ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتى پەقەت قىسقا ۋاقىتلىق پىلانلار بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتىدۇ. شىمالىي كۇرىيەنىڭ يادرو قورالى پىلانى ۋە ياپۇنىيىنىڭ قوراللىنىشىغا ئوخشاش ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، خىتاينىڭ پەقەت باشقىلارغا نەپ بەرمەسلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان سىياسىتى سەۋەبلىك يېقىن قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇنغىچە سۈركىلىش ئىچىدە ئۆتىشى مۇمكىن.

    خىتاينىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش پىلانى يوقىرقى ئىككى زىددىيەتلىك رايوننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى بولىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى زىددىيەتلىك ئۈچ رايوننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان، كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلارغا مۇناسىۋەتلىك شۇنداقلا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىنغان مۇھىم بىر پىلان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ پىلانىنىڭ مەقسىتى چۈشىنىكسىز، مۈجىمەل ھەم گۇمانلىق. خىتاي ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 2- ئىقتىسادى كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدىمۇ ئاكتىپ رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. خىتاينىڭ بۇ ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ قېلىشى يوقىرقى زىددىيەتلىك رايونلاردا قانچىلىك ۋاقىت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرالىشىغا مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ھازىر ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، يېڭىدىن ئىستىراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈپ ھەرىكەت ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتقاندەك تۇرىدۇ.

    «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لېنىيىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى ھازىر تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چۈنكى بۇ دۆلەتلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى كۈچتىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ يېڭىدىن باشلىنىدىغان بىر سوغوق ئۇرۇشى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئۇرۇشتا دۆلەتلەر ھەرىكەت لېنىيىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك پىلانلىرى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا بەلگىلىشى مۇمكىن.

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

https://www.aa.com.tr/tr/analiz-haber/abd-ile-rekabet-cini-zorluyor/1355768


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ