ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي: مۇسۇلمانلارنى تەربىيىلىدۇق خورلىمىدۇق

خىتاي: مۇسۇلمانلارنى تەربىيىلىدۇق خورلىمىدۇق
13- سىنتەبېر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى خورلىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ،« بىز مۇسۇلمانلارنى تەربىيىلەۋاتىمىز خورلىمىدۇق » دېگەن.
يېقىندىن بىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاپ خىتاينى ئەيىبلەشكە باشلىدى ھەمدە ئامېرىكا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇرى ئورگاننىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ئامېرىكا سۇدا مىنىسىتىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئىكىسپورت قىلىدىغان ماللىرىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىنى كېڭەيتىش، شەرقىي تۈركىستانغا بىخەتەرلىك ئۈسكىنىلىرىنى سېتىپ پايدا – مەنپەئەت ئالغان كارىخانىلار ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەكلىپىنى بەردى. شۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكا پرىزدىنتى ترامپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئەمەلدارلىرىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارغا جازالاش تەدبىرى قوللىنىشىنى ئويلاشقانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستاندا يۇشۇرۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىنىڭ پاش بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن خىتاي، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى. 12- سىنتەبېر خىتاي ئاخبارات ئىشخانىسى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى لى شىياۋ جۈن جەنۋە يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى خورلىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ « بىز مۇسۇلمانلارنى تەربىيىلەۋاتىمىز، خورلىمدۇق، بىزدە لاگېر يوق تەربىيىلەش مەركەزلىرى بار، خۇددى سىزنىڭ بالىڭىز مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەسپى تەربىيىلىنىدىغان ئورۇنغا بېرىپ كەسپى ماھارەت ئۆگەنگىنىدەك بىر ئىش» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ