ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئارقا – ئارقىدىن پارتىلاۋاتقان ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى خېلىلا تەمتىرتىپ قويىۋاتىدۇ.

ئارقا – ئارقىدىن پارتىلاۋاتقان ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى خېلىلا تەمتىرتىپ قويىۋاتىدۇ. "ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك- پوك" دېگەن گەپ بار. گەرچە چاندۇرمىغاندەك قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋەقە چىقىرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا  ھەر بىر قېتىم ۋەقە چىققاندىن كېيىن ئاشۇرۇپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە باستۇرۇشلىرى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان يېڭى – يېڭى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ چىقارغان دۆلەت قانۇنلىرىغىمۇ قىلچىلىك ئۇيغۇن بولمايدىغان قارارلىرى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ  بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكى ئېنىق. بىزدە  "يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال" دەيدىغان سۆز بار. بىر ئەسىر ئىچىدە ھازىرقى نوپۇسىنىڭ دەل ئوخشاش سانى شۇ دۈشمەن تەرىپىدىن يوق قىلىنغان، يەنى 35 مىليون ئىنسان دۈشمىنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەن بۇ خەلق، جىم ياتسا يەنە بىر ئەسىر ئەمەس، قىسقىغىنە بىر مەزگىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىملىق "يوق" بولۇشقا يۈز تۇتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. ئەينى زامانلاردا قولىدا قورالى بار ئەسكەرلىرىمىز، مۇجاھىدلىرىمىز، ئارسلانلىرىمىزنى كۈچى يەتمىگەندە تۈرلۈك – تۈمەن ھېلە بىلەن توزاققا چۈشۈرۈش، ئالداش، دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆزى چۈشمەيدىغان بۇلۇڭ- پۇچقاقلاردا، تۈرمىلەردە، ئورمانلارلىقلاردا،  بىپايان يايلاقلاردا، چەكسىز كەتكەن قۇم چۆلۈكلەردە توپ- توپ ئۆلتۈرۋەتكەن، ئاچ قويۇپ، ئاچلىقتىن، سۇسىزلىقتىن، ئۆلتۈرۋەتكەن ئىدى.

ھازىر بولسا دۇنيا خۇددى بىر كەنتكە ئايلاندى. نەدە بىر ئىش بولسا ھېچ بولمىسا ئازراق بولسىمۇ خەۋەر ئالالايدۇ. بۇرۇنقىدەك كانغا ئىشقا ئېلىپ ماڭغانلارنى، بۇ شەھەردىن ئۇ شەھەرگە يۆتكەيمىز، دەپ ئېلىپ ماڭغانلارنى، يايلاقتا قوي باقتۇرۇمىز، دەپ ئېلىپ ماڭغانلارنى ۋە ياكى سىلەرنى قوشنا دۆلەت تەلەپ قىلدى، چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويايلى! دەپ ئېلىپ ماڭغانلارنى يوللاردا توپ- توپ ئۆلتۈرىۋېتىدىغان، كۆيدۈرۈپ ئۈستىگە توپا تۈكىدىغان ئىشنى بۇرۇنقىدەك ئاسانلا قىلالمايدۇ، قىلغان ھامان ئاشكارا بۇلىۋاتىدۇ..

ئەمما نېمە قىلسا قىلىپ بۇ  بېشىمىزغا بالا بولغان مىللەتنى يوق قىلىش كېرەك، قانداق قىلىپ يوق قىلىمىز! دېگەن خىيال بۇرنى قان پۇراپ كۈنۈپ قالغان تاجاۋۇزچى  خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ دەردى بولۇپ قالدى، ئۇلار:  

"ئۇلارنى پارتىيەمىزگە قوبۇل قىلدۇق،  بىزنىڭ مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرىمىز بىلەن نۇرغۇنلىرى ئولتارسا قوپسا "ياشىسۇن ماۋجۇشى! ياشىسۇن جوڭگو كومىنستىك پارتىيەسى !" دەپ شوئار توۋلايدىغان بولغانتى. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن، نەسلىدىن مىللىتىگە سادىق "خائىن" چىقىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىرىنى ئاچ قويغان ئىدۇق. ئەمدى بولسا " رىزىق ئاللاھتىن " دەپ رىزقى ئۈچۈن بىزگە قويرۇق پۇلاڭلىتىدىغانلار ناھايىتى ئاز قالدى، بار دېگەندىمۇ ئۇلار پەقەت قورسىقى ئۈچۈن ھە دەپ قويىدۇ، ئارقىدىن بىزنى تىللايدۇ. خىتاي تىلىمىزنى ئوموملاشتۇرىمىز دەپ ھەرقانچە كۈچىسەكمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئادەم ھەتتا مەركىزى شەھەرلەردىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى " بىلمەيمىز" دەپ گەپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ. بەزىلىرىگە بىلىپ بىلمەي پاسپورت چىقىرىپ بەردۇق، چىقىپ كەتسە چەتئەللەردە جان بېقىش قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتسە بۇ يەردە بىزگە مۇشت كۆتۈرىدىغان ، قاپاق تۈرىدىغانلار، ئۈستەللەرنى مۇشتلار ھېساپ سورايدىغانلار  ئازلاپ قالار، دېدۇق.  بىراق، ئۇلاردىن بىر قىسمى چەتئەللەرگە چىقىۋېلىپ بۇ يەردە ھەتتا ئۆز ئىچىمىزدىكى نۇرغۇنلىرىمىز  بىلمەيدىغان ئارخىپلىرىمىزدىكى سىرلىرىمىزنى دۇنياغا ئاشكارلاپ  يۈزىمىزنى قويمايۋاتىدۇ. بالىلارنى يەسلىدىن باشلاپ خىتاي تىلىدا تەربىيلەپ مىللەتنىڭ تىلىنى يوقىتايلى دېسەك بۇ بالىلارغا ئۆيلىرىدە قۇرئان ۋە ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇتىدىغانلارنىڭ سانى ئېشىۋاتىدۇ. تۇغۇتنى چەكلەپ بوۋاقلارنى ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدا ئۇجۇقتۇرۇپ ، بۇ مىللەتنىڭ سانىنى ئازايتايلى دېسەك، تاغدىن قوغلىساق، باغدا، كۆلدىن قوغلىساق، چۆلدە تۇغۇپ كۆپىيىۋاتىدۇ. چەتئەللەردە بولسا توپ- توپ سىنىپلار ئېچىلىۋاتىدۇ. بىزگە ئوخشاش يەپ- ئىچسۇن، بىزگە ئوخشىغانسېرى بىزدىن بولمىسىمۇ، بىزگە يېقىن بولار، قاپاق تۈرمەس، مۇشت ئاتماس دېسەك، بارغانسېرى مىللىي تۇيغۇسى ئېشىپ ھەممە نەرسىنى مىللىيچە قىلىۋالىۋاتىدۇ. دىنىنى يوقاتساق ئەقىدىمىزدە پەرق قالمىسا بەلكىم بىزگە قارشى تۇرۇش سەۋەپلىرى ئازىيىپ بارار  دېسەك، ئەمدى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دىنىنى ياشايدىغان دولقۇن قوزغالدى. ھەتتا بەزى شەھەرلەر  خۇددى " سەئۇدى ئەرەبىستان"دەك ھالدا كىيىنىدىغان ھالغا كەلدى.

قولىغا قورال تۇتقۇزمىغىلى ېيرىم ئەسىردىن ئاشتى، بىراق بولار قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن قارشى تۇردى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ "

"بىچارە خىتاي"نىڭ بېشى تولىمۇ ئاغرىدى. چۈنكى، ئۇ ئوغرى ئىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىۋالغان ئىدى. باشقىلارنىڭ نېنىنى تارتىۋالغان ئىدى. بىراق " ئاكاڭ قارىغاي كۈچلۈك بولغاچقا  خالىغىنىمنى قىلالايمەن" دەپ شىلتىڭ ئاتتى. بىراق ھەم ئوغرى، ھەم تاجاۋۇزچى، ھەم ئاسىمىلىيەچى، ھەم قاتىل بولۇشتەك رەزىل جىنايىتى ئۇنى ھېچ ئارامدا قويمىدى. بىر ھېلە بىلەن بىر ئويۇنلارنى ئوينىدى، ئاشكارلاندى، يەنە بىرنى ، ئارقىدىن يەنە بىرنى، يەنە بىرىنى... ئوينىغان ئويۇنلىرى " قولىقىنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلىغان" دەك كۆلكىلىك  بولۇپ كەلدى. توقۇغان يالغانلىرى ئاشكارلاندى. " ئۇلار يەنە مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرمەكچى بولدى" يەنى ھەق – ھوقۇق ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرنى " خەلقئارالىق تېرورست" قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى،  يەنە بولمىدى. ئاندىن كېمىدە قېلىچى چۈشۈپ كەتكەن تەرەپكە  ئىشارەت سىزىپ قويۇپ، مەنزىلىگە بارغاندا "قىلىچىم كىمىنىڭ مۇشۇ يېرىدىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى" دەپ ئىزدىگەن ئاخماقلىقىنى داۋام قىلدى ۋە  قىلماقتا. بۇلار بۇ ئەقلى بىلەن يەنە قىلىدۇ. چۈنكى، ئوغرىنىڭ ئوغرىلاپ يېگەن نېنى ئۇنىڭ ئەقلىنى تېخىمۇ دۆت قىلىدۇ، دەسسىگەن تۇپراقلىرى، تۆككەن قانلىرى "ئاكاڭ قارىياي" ھۇزۇرىنى ھېچ بەرمەيدۇ. بەلكىم ئۆلگەندە بىر تىيىنگە ئەسقاتمايدىغان پۇل- مېلى، دۇنيا بازارلىرىنى ئەخلەت – چاۋاغا تولدۇرغان ساختا ماللىرى، دۇنيادا ئۇلارنى بەزى دۇنياپەرەسلەر ئۈچۈن چوڭ كۆرسەتكەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ كۈلكىلىك بىچارە ھالىتىگە بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ  ئۇلار ئاللىمۇقاچان "ئىنسانلىق تارىخى"دىن  سۈپۈرۈلۈشكە باشلىدى. قولىدىكى قورالى،  ئىنسانلىق ھوقۇقى، تۇپرىقى ۋە ئەركىنلىكى تارتېۋىلىنغان ئۇيغۇر بولسا گەرچە كونا -كىيم كېچەكلىرى، پۇلسىز – چارىسىز، ئۆي ماكانسىز ھاللىرى بىلەن  قالغان بولسىمۇ،  نۇرغۇنلىرى باشقا شەھەرلەردە، ئىچكىرىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە، چىقالغانلىرى چەتئەللەردە سەرسان ۋە بىچارە ھالدا ياشاۋاتقاندەك قىلسىمۇ،   دۇنيادا " ئاكاڭ قارىغاي " بولماقچى، پۇلى بىلەن تارىخ يازماقچى  بولغان خىتاينىڭ ئىنسانلىق تارىخىدىن سۈپۈرۈلىشىدە ئەڭ كۈچلۈك سۈپۈرگۈلۈك رولىنى ئوينىماقتا. (سۈپۈرگە دېسەم بەزىلەرنىڭ غۇرۇرىغا تەگمىسۇن، ئەڭ مەينەت نەرسىنى سۈپۈرەلىگەن سۈپۈرگە بولۇشتەك شەرەپلىك ۋەزىپە ئاز تېپىلسا كېرەك)

ئۇيغۇر  بۇ باتۇرلىقى ۋە باش ئەگمەس جاسارىتى بىلەن ئەجدادلىرى  تارىختا بەرپا قىلغان باتۇرلۇق ئوبرازىنى " يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال" ،" باتۇر بىر قېتىم ئۆلۈدۇ، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم" دېگەن ھەقىقەت بىلەن يەنە بىر قېتىم  ئىسپاتلىماقتا.

مەيلى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ياكى ۋەتەن ئىچىدە چىقىۋاتقان ۋەقەلىكلەردە بولسۇن،  خىتاينىڭ ئوينىغان قارا ئويۇنى بار دېسەكمۇ ئۇ يەردە ھۇجۇم قىلىشقا مەيدە كېرىپ چىقالغىنى يەنىلا ئاشۇ ئۆلۈمدىن قورقماسلارنىڭ خىتاينى " ئىنسانلىق " تارىخىدىن سۈپۈرۈپ " تارىخ يازىدىغان جاسارىتىدۇر.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ