ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ مەھبۇسلارنى باشقا رايونغا يۆتكەش ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-10 11:27:27 جەمئى 3418 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ مەھبۇسلارنى باشقا رايونغا يۆتكەش ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ مەھبۇسلارنى باشقا رايونغا يۆتكەش ئەھۋالى ئاشكارىلاندى
9- ئاۋغۇست china Aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەھبۇسلارنى مەخپى ھالدا باشقا رايونلارغا يۆتكەشكە باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە قازاقىستاننىڭ ئالماتادا تۇرۇشلۇق ئاسىلقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەك شەھىرى دۆربىلجىن ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق ئاكسى جىڭىسنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاچقان ئاتالمىش « تەبىيىلەش لاگېرى»غا سولاپ زىيانكەشلىك قىلىنغانلىقىنى، ئاكىسنىڭ ئائىلسىدە 32 ياشلىق ئىككىنچى دەرىجىلىك مېيىپ ئىنىسىنىڭ بارلىقىنى، كېسەلچان يەڭگىسىگە ئائىلىنىڭ ئېغىر ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى قالغانلىقىنى، ئاكىسنىڭ ئائىلىسى ئېغىر ئىقتىسادى قىينچىلىققا پېتىپ قالغانلىقىنى، ئاكسىنىڭ بۇ يىل 2- ئايدا لاگېرغا سەۋەبسىز سولانغانلىقىنى، يەڭگىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئاكسىنىڭ ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە كېسەل سەۋەبلىرى بىلەن لاگېردىن دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ چىقىلغان ياكى لاگېرىدا خىزمەت قىلىپ باشقا ئورۇنغا يۆتكەلگەن بىر قىسىم كىشىلەر: ختاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى سەۋەبسىز تۇتۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم يەرلىك كىشىلەر مۇخبىرغا « يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي بىر قىسىم مەھبۇسلارنى مەخپى ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا رايونلارغا يۆتكەشكەن باشلىغانلىقىنى، بىر قىسىم كىشىلەر شەرقىي تۈركسىتاندىن باشقا رايونلارغا يۆتكەلگەن مەھبۇسلار 20 يىلدىن ئوشۇق ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ