ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ كورلىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى قورۇپ چىقىش پىلانى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-03 14:44:32 جەمئى 2848 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ كورلىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى قورۇپ چىقىش پىلانى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ كورلىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى قورۇپ چىقىش پىلانى ئاشكارىلاندى
ئىجتىمائىي ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى مەركەز قىلىپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان « بىر بەلۋاغ بىر يول» سودا پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا بازىرى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى تۈزگەن.
پىلاندا دىيىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلىدىكى 27- دىۋىزىيە ئەتراپى « دېڭىز يىپەك يولى» قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكى، كورلىنىڭ غەرب تەرىپىگە تۇتىشىدىغان چېگرا ئېغىرى قونجىراپ سۇ كەمچىل بولۇش، دېڭىز يۈزىدىن 3733 مېترى ئېگىز بولۇش سەۋەبلىرىدىن سودا رايونى قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقى، قونجىراپ خىتاي بىلەن پاكىستان سودا كارىدورىغا تۇتىشىدىغانلىقى، سودا كارىدورىدىن خىتاي پاكىستاندىن سېتىلۋالغان گۋادار پورتى ئارقىلىق دېڭىزغا چىققىلى بولىدىغانلىقى، گۇۋادار پورتى خىتايغا نىسبەتەن ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىن خىتايغا ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىتنىڭ %60 بۇ يەردىن ئۆتىدىغانلىقى، خىتاينىڭ گۇۋادار پورتىنى سېتىۋىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتىن نېفىت ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن باسىدىغان يىراق ئايلانما دېڭىز يولىنىڭ %80 نى قىسقارتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئېگىلىنىشىچە، خىتاي يېقىندا قونجىراپقا تۇتىشىدىغان ختاي بىلەن پاكىستان سودا كارىدورىغا نېفىت تۇربىسى كۆمۈشكە باشلىغان.
خىتاي مەزكۇر پىلانلار ئارقىلىق كورلىنى ئاسىيا بىلەن ياۋروپا، ھەتتا ئافرىقا ئەللىرىنىڭ سودا قىلىپ قايتىدىغان ئەركىن سودا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ