ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ شەندۇڭدا ئېغىر ۋەقە چىقتى

خىتاينىڭ شەندۇڭدا ئېغىر ۋەقە چىقتى
7- ئۆكتەبىر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى پىڭدۇ شەھىرىدە دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
توقۇنۇشتا سەپتىن چېكىنگەن بىر قانچە ئەسكەر يارىلانغان. يارىلانغان ئەسكەرلەر خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى سەپتىن چېكىنگەن بارلىق ئەسكەرلەرنىڭ دەرھال پىڭدۇغا كىلىپ ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر يېتىپ كېلىشكە باشلىغان. سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىدىن ئالاقزادە بولغان خىتاي ساقچىلىرى بارلىق كوچا ئېغىزلىرىنى تاقاپ ياش ئاققۇزۇش بومۈىسى، كالتەكلەر، ئىلغار زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاستىلىرى بىلەن ئەسكەرلەرنى مەيداندىن قوغلاپ چىقارغان.
ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقان سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر ئىچىدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، نۇرغۇن قانلارنىڭ تۆكۈلگەنلىكىنى، بىراق يارىدار بولغان ئەسكەرلەرنى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاشنى رەد قىلىغانلىقىنى، خىتاي ساقچىلىرى تىنچلىق بىلەن ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ئەسكەرلەرنى زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئۇرغانلىقى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ