ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەكىلىنى ئالماشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-10-27 12:09:29 جەمئى 2412 قېتىم ئوقۇلغان.

جاڭ چۈنشيەننى قانداق بىر ئاقىۋەت كۈتۈپ تۇرىدىغنالىقى نامەلۇم

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەكىلىنى ئالماشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى

26- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا باشلاندى. خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ تورلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئادەم ئالماشتۇرۇش مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەكىلى جاڭ چۈنشيەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سېكرىتارى خۇ چۈنخۇا كېلىدىكەن.

خەۋەرلەردە جاڭنى قانداق بىر ئاقىۋەتنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

جاڭ 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قانخور جاللات ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. لېكىن جاڭ كەلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھەسسىلەپ كۈچەيدى. بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جاڭدىن نارازى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شەرقىي تۈركىستاندا 17 يىل قانلىق باستۇرۇش ۋە بۇلاڭ – تالاڭ ئېلىپ بارغان ۋاڭ لېچۈەنمۇ ئاخىرىدا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمىگەن ئىدى. خوتەنگە بارغاندا تەپتارتماستىن ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش ئىبارىسىنى ئىشلەتكەن جاڭنىڭ ئاقىۋىتىنىڭمۇ ئانچە ياخشى بولمايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يۆتكىلىپ كەلمەكچى بولغان خۇ چۈنخۇانى سابىق خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىر قوللۇق تەربىيلىگەن بولۇپ، خىتاي ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش چېرىكلىككە قارشى كۆرەشتىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغان.

مەيلى جاڭ كەلسۇن ياكى خۇ كەلسۇن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچقاچان خىتاي ئىشغالىنى قوبۇل قىلمىغان ھەم قوبۇل قىلمايدۇ. زالىملار ھامان ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ