ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شېھىتلارغا ئاتاپ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-09 14:13:33 جەمئى 759 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شېھىتلارغا ئاتاپ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شېھىتلارغا ئاتاپ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

 8 - ئىيۇن ئەنقەرە ھاجى بايرام جامەسىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يىڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي رىجىمى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان بارلىق شېھىتلارغا ئاتاپ غايىبانە ناماز ئوقۇلدى.

غايىبانە جىنازا نامىزى جۈمەدىن كېيىن ئوقۇلغان بولۇپ، نامازغا ئەركىنلىك جەمئىيىتى ئەزالىرى ۋە جۈمە نامىزىغا كەلگەن تۈرك قېرىنداشلارمۇ قاتناشتى
نامازدىن كېيىن «زۇلۇمغا قارشى ئىنكاسسىز قالما !» شوئارى ئاساسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
يېڭى نەسىل ھەركىتى ۋە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى سالاھىددىن قەشقەرى خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى باستۇرۇشلارغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
زەھرا ئالتىن خانىم بايانات بىرىپ، ئۆزىنىڭ مالايسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشى گۈلگىنە تاشمۇھەممەتنىڭ خىتاي رېجىمنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن خەۋىرىنى ئالالمىغانلىقىنى، پەلەستىنگە ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى زۇلۇملارغا قارشى ھېچقانداق ئىنكاس قىلمىغانلىقىنى، ھەر بىر مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دۇئالار قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ