ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ دوكلام تالاش- تارتىشىدىكى نىشانى نېمە؟

خىتاينىڭ دوكلام تالاش- تارتىشىدىكى نىشانى نېمە؟
7- سېنتەبىر ۋاشىنگىتون ( BROWSE ) ژورنىلىدا، جون بىلەكنىڭ << خىتاينىڭ دوكلام تالاش – تارتىشىدىكى نىشانى نېمە؟ >> تېمىدا بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە، دېڭىز يۈزىدىن 14000 ئىنگىلىز مىلى ئېگىزلىكتىكى ھاۋا شەرائتىنىڭ دائىم ناچار ھالەتتە تۇرۇشى دوكلام ئېگىزلىكىدە پائالىيەت قىلشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى بەلگىلەيدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىش قيىنچىلىقىغا ھاۋا شارائىتىدىكى قىينچىلىق قوشۇلىدىغانلىقى، بەلكى بۇ ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ قىش پەسلى كېلىش ئالدىدىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى ئىكەنلىكى، يۇقىرىقى نۇقتىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئالتىنچى ئايلىرىدىكى ئەسكىرى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى چۈشىنىۋىلىشقا پايدىسى بارلىقى، ئىككى تەرەپنى جەڭگە تەييارلىق قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان قىينچىلىق چەكلىمىسىدىن باشقا، ئىككى تەرەپنىڭ 1962- يىلىدىكى ئۇرۇشتىن بىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆزىنى كۆرسىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى، ھازىرقى ۋەزىيەت ئاساسەن تىنىچلانغانلىقى، بىراق تالاش- تارتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بولسا، ئاسىيا رايونىنىڭ ھوقۇق تەڭپۇڭلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، بۇلاردىن خىتاينىڭ چوڭ ئسىتراتىگىيسى ۋە ۋاشىنگىتوننىڭ مۇشكىلاتلىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغانلىقى تەھلىل قىلىنغان.
ماقالىدە يەنە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ 2500 ئىنگىلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتا چېگرا لىنىيىسى بارلىقى، چېگرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پىئۇداللىق دەۋردىكى كېلىشىمنامە ئاساس قىلىنغانلىقى، چىگىر رايونىنىڭ كۆپ قىسمىدا تالاش- تارتىشنىڭ بارلىقى، خىتاي ھىندىستانغا تەۋە زېمىننىڭ ئارۇناچال رايونى، جامو ۋە كەشمىر رايونى، ئۇتالانكى رايونى، ھىماچال برادىش قاتارلىق رايونلاردىكى ئاز بىر قىسىم زېمىننى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلىقى، ھىندىستان بولسا خىتاي ئىگىلەپ يېتىۋاتقان ئاقسايچىننى خىتايدىن تەلەپ قىلىدىغانلىقى، خىتاي 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى شەرقىي تۈركستان بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تاش يول قۇرلىشى قىلغانلىقى، بۇ يول قۇرلىشى بولسا خىتاينىڭ مۇقىمسىز ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، تالاش- تارتىشىۋاتقان زېمىنىنى يول قۇرلىشى ئارقىلىق << ئەمىلى كونترول قىلىۋاتقان رايون >> دەپ، ئايرىۋالغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەردە لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن كارىپ ئىقتىساد كومىسسىيىسى بەلگىلىك مۇددەتتە كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇشۇپ تۇرغانلىقى، بىراق خىتاي بىلەن ھىندىستان ھەر خىل ئىنچىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توقۇنۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، يېرىم ئەسىردىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆلۈش ۋە زەخىملىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە بۇ يىل 6- ئاينىڭ 8- كۈنى خىتاي چېگرا قىسىم ئەسكەرلىرى قوشۇن تەشكىللەپ، ھىندىستاننىڭ خېرىدار دۆلىتى بوتانغا كىرگەنلىكى، ھەتتا بۇتان پادىشاھلىقى ۋاقىتلىق تىكلەپ قويغان چېگرادىكى بەلگە تاشلارنى چېقىپ تاشلىغانلىقى، بۇ ئەھۋاللاردىن ئۇزاق ئۆتمەي خىتاينىڭ يول قۇرۇلۇش ئەترىتى توپا قېزىش ماشىنىسى بىلەن توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسدا ھىمايىچى ئەسكەرلەر بىرلىكتە بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئىگىلىۋالغان رايونغا كىرگەنلىكى، 6- ئاينىڭ 16- كۈنى ھىندىستان ئارمىيىسى قوشۇن باشلاپ كېلىپ، خىتاينىڭ يول قۇرۇلۇش قىلىشىنى توسقانلىقى، خىتاي كېينكى ئىككى ئاي ئىچىدە دوكلام رايونىدا دېگۈدەك ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ