ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-18 15:09:31 جەمئى 8907 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا
‏13 - ئاۋغۇست ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ھەققىدىكى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى باستۇرۇشى ھەققىدىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بويان تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىستىقلال تېلېۋىزىيە بۆلۈمىگە كىلىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقى كەمسىتىش قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغان ئىدى.
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدىن روقىيە پەرھات خانىم ئىستىقلال تېلېۋىزىيە بۆلۈمىگە كىلىپ خىتاينىڭ ئۆزى ۋە ئائىلسىگە قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ تۆت يىللىق تۈرمە ھاياتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۆزىگە ئىنسان ئەقىلىگە سىغدۇرغىلى بولمايدىغان ئەزىيەتلەرنى بەرگەنلىكىنى، ئائىلىسىگە قانداق ئەزىيەتلەرنى بەرگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش، ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن خورلاش، مەھبۇسلارغا ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلماسلىقتەك جىنايەتلىرىگە گۇۋاھلىق بەردى.
گۇۋاھلىق بىرىش پائالىيىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەي قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىز بىلەن ئالاقە قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

يۇتۇپ ئۇلىنىش ئادرىسى: https://www.youtube.com/watch?v=HVHrOqr50w0


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ