ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ جاۋابى رەزىللىكىنىڭ ئىپادىسى

خىتاينىڭ جاۋابى رەزىللىكىنىڭ ئىپادىسى
11-فېۋرال خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇاچۈنيىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا رەددىيە بېرىپ، خىتاينىڭ رەزىللىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
خىتاي باياناتىدا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، بەلكى سالامەت ئىكەنلىكىنى ۋىدېئودا كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋە باشقا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سەۋەبسىز لاگېردا قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى قاتتىق قىيىن-قىستاقتا شەھىد قىلىنغان مۇھەممەد سالىھ داموللام، ئابدۇلھەمىد داموللام، كېرەم قارىم قاتارلىق كىشىلەرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئەسلىدە ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىشى، تۈرمە لاگېرلاردا خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى خىتاينىڭ رەزىللىكىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى بولۇش بىلەن بىرگە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
خىتاي باياناتچىسى دېگەندەك خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زۇلۇم قىلمىغان بولسا، ھېچقانداق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆلتۈرمىگەن بولسا، مۇھەممەد سالىھ داموللام، كېرەم قارىم، ئابدۇلھەمىد داموللام قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئۆز ۋاقتىدا ساغلام ھالىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇلارنىمۇ ساغلام ھالىتىدە سۆزلىتىپ، سىنلىق كۆرۈنۈشىنى خەلقئاراغا ئاشكارا قىلسۇن!
خىتاي باياناتچىسى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، ئىككى يىلدىن بېرى چېقىۋەتكەن مەسجىدلەرنىڭ سانى بىلەن قوشۇپ، يالغان سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ، رەسۋالارچە تۈركىيەدىكى مەسجىدلەرنىڭ سانى بىلەن سېلىشتۇرغان.
خىتاي باياناتچىسىنىڭ سۆزى بويىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولسا، خىتاي ئۆزىنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەمەلىي ئسپاتلىماقچى بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ، ئەركىن ھالەتتە تەكشۈرۈشىگە يول قويسۇن!
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ سىنلىق كۆرۈنۈشىنىڭ يالغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى، خىتاي سىنلىق كۆرۈنۈشنى تېخنىكىلىق كىرىشتۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ