ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ تۈرمىدە يىلى توشقانلارغا يەنە يىل قوشقانلىقى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-04 14:32:11 جەمئى 1005 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ تۈرمىدە يىلى توشقانلارغا يەنە يىل قوشقانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ تۈرمىدە يىلى توشقانلارغا يەنە يىل قوشقانلىقى ئاشكارىلاندى
3- دېكابىر ئاقسۇ شەھەر ئايكۆل بازار قاتاق مەھەللىسىدىكى ھەبىبۇللا قارىنىڭ تۈرمىدە يىلى توشقاندىن كېيىن يىل قوشۇلۇپ شېھىت قىلىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ياۋروپا ۋە تۈركىيىدىكى تۇغقان ۋە دوستلىرى ئىسپاتلىدى.
ھەبىبۇللا قارى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2014-يىلى 5- ئايدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ، تۇتۇپ كېتىلىپ 4 يىل كېسىلگەن. 2018- يىلى 5- ئايلاردا ۋاقتى توشقان بولسىمۇ خىتاي ئۇنى قۇيۇپ بەرمەستىن 13 يىل قوشۇپ قويغان. 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى قاتتىق قىيناپ ئۆلتۈرۈپ جەسىدىنى ئائىلىسىگە بەرگەن. ئايكۆلدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈدىغان ئادەم قالمىغان.
بۇلارنىڭ دادىسى مەھەللە مەسچىتنىڭ ئىمامى مەتنىياز قارى ئاخۇنۇم بولۇپ 72 ياشلىق چوڭ ئوغلى مۇھەممەت مەتنىياز ئىلگىرى ئىككى يىل كەنت مۈدۈرى بولۇپ ئىشلەپ 2014- يىلىغا كەلگەندى مەسچىتكە ئىمام بولغان. خىتاي بۇ كىشىنى ئالدىنقى يىلى«كەنت مۈدۈرلىك خىزمىتىنى تاشلاپ مەسچىتكە ئىمام بولۇپسەن ئىدىيەڭدە مەسىلە بار »دەپ تۇتقۇن قىلىپ 10يىل كەسكەن. 2018-يىلى 6– ئاي ئەتراپىدا ئۆلتۈرۈپ جەسىدىنى بەرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ