ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ ئىسلام دىنىدىن قورقۇش كېسەللىكى ئېغىرلاشماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-09-26 15:58:14 جەمئى 17260 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ ئىسلام دىنىدىن قورقۇش كېسەللىكى ئېغىرلاشماقتا

خىتاينىڭ ئىسلام دىنىدىن قورقۇش كېسەللىكى ئېغىرلاشماقتا
25- سېنتەبىر پاكىستان كۈندىلىك گېزىتىدە، << خىتاينىڭ ئىسلام دىنىدىن قورقۇش كېسىلى ئېغىرلاشماقتا >> تېمىدا ئوبزور ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىر ئەھۋالى رىئال شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلانغان.
ماقالىنىڭ بېشىدا،<< سىز نەزىرىڭىزنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئىسلامغا بولغان بىر قىسىم ناتوغرا قاراشلىرىغا ئاغدۇرۇپ يۈرمەڭ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى دىندىن چىقىرش ۋە ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىرىنى ھۆكۈم چىقارماستىن تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قاماپ بولدى ياكى ئۇلارنى ئاتالمىش تەربىيلەش مەركەزلىرىگە قاماپ قاتتىق باستۇرماقتا >> دېگەن بىر قانچە جۈملە سۆز مۇقەددىمە قېلىنغان.
ماقالىدە، بىز سىرتقى ئىدېئولوگىيىلىك دۈشمەن كۈچ ياكى ئىسلامدىن قورقۇش كېسىلى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغىنىمىزدا، ئەقلىمىزگە ئاسانلا غەرب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا پېرزېدىنتى دونالت تېراپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن بويان ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەردە بولىۋاتقان سەلبىي تەرەپلىرى كېلىدىغانلىقى، بىراق خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلاردىن قورقۇش كېسەللىكى بارغانسېرى ئېغىرلاشقانلىقى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھاقارەتلىرى بارغانسېرى يامانلاشقانلىقى، خىتايچىنى بىلگەن كىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلرىنى كەمسىتىپ << ئەسەبىي كۈچ >>، ياكى << تېررورچى >> دەپ ئۆتۈشتىكى مەقسىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ، خىتاي تور بەتلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلىپ يىتەلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە، خىتاي زۇلمىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى يوقىتىشقا ئورۇنىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ << ئەسەبىيلىكنى يوقۇتۇش >> دەپ جار سېلىشلىرى دەل مۇسۇلماننىڭ ئىسلامىي دۇنيا قارىشى ۋە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان يامان نىيەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ماقالىدە، خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىدىغان ماقالىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى خىتاي پۇقرالىرىدىمۇ بىر خىل ئىسلامدىن قورقۇش كېسەللىكىنى قوزغاۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كومۇنىزم ئىدىيىسى بويىچە قېلىپقا سېلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ھاقارەتلەنگەن << دىنى ئىشلار نىزامنامىسى >> نى بازارغا سالغانلىقى، بۇ نىزامنامە بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى پائالىيتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق خورلاپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى كومۇنىزم ئىدىيىسىگە كۆندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى. خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە نىمىلەرنى ۋەدە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق دىنى پائالىيەتكە قارشى چىقىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ