ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ ئىرقچى ساقچى دۆلىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-31 18:09:13 جەمئى 1858 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ ئىرقچى ساقچى دۆلىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم

خىتاينىڭ ئىرقچى ساقچى دۆلىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم
دې پېلەتفورم (The platform) تورىنىڭ 30 - ئىيۇلدىكى سانىدا ئاخباراتچى ئەيمي ۋۇلفسوننىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق تەدبىرلىرىنى ھەل قىلىشتا ئەنگىلىيەنىڭ مەسىئۇلىيىتى بار ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە، بۈگۈن ئەنگىلىيىنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جېرېمې خانتنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكى، ھېچ شۈبھىسىزكى جېرىمىنىڭ كۈنتەرتىپىدە سودا ۋە خەلىقئارا بىخەتەرلىك تېمىلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى لېكىن ئۇنىڭ ئنسان ھەقلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى زۇلۇمنى جەسۇرلارچە تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئالدىنقي 30 دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئاي بىسىپ چىقارغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2017 - يىلدا پۇقرالارنىڭ سىياسي ھوقۇقىغا دەخلي تەرۈز قىلغىنىغا ئائىت ئىسپاتلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى. بۇ دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئاساسلىق يەرلىرىدە پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چەكلەنگەنلىكى، مۇسۇلمان، بۇددىسىت، خىرىستىئان ۋە فالۇڭگۇڭچىلاردىن ئىبارەت دىنىي ئاممىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، دىنى قۇرۇلۇشلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ماقالىدە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بىر پارچىسى بولغان، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا، تىبەتنىڭ شىمالىدا يەر ئالغان موڭغۇلىستان، روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگراداش بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلمىنىڭ بارغانسىرى دىققەت قوزغاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئەيمي ۋۇلفسۇن ماقالىسىدە يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى. بۇ رايون، 1949 - يىلى خىتاينىڭ بىر بۆلگىسىگە ئايلاندى، لېكىن پەرقلىق بىر كىملىكى ۋە مەدىنىيىتى بار. بۇ بۆلگە تۈرك قەۋمىدىن كەلگەن ۋە ئىسلام دىنىغا ئەگىشىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قاتارلىق تەبىئي بايلىقلىرىنىڭ موللىقى تۈپەيلى خىتاينىڭ ئۆزىنى بېيىتىشى ئۈچۈن ئىستىراتىگىيەلىك قىممەتكە ئىگىدۇر ۋە خىتاينىڭ كۈنسىرى راۋاجلىنىۋاتقان بىر يول بىر بەلۋاغ تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، ئەڭ تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۈنەلدۇر.
خىتاي رېجىمى يەنە خىتاي ئاھالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئولتۇراقلىشىشىنى قوللاپ، بۇ رايوننىڭ مىللي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتتى. خىتاي ئاھالىسى نوپۇسىنىڭ يەرلىك ئاھالە نوپۇسىنى ئىگىلىگەن نىسبىتى 1949 - يىلىدىكى يۈزدە 6 پىرسەنىتتىن 2011-يىلدىكى يۈزدە 38 پىرسەنتكە يۈكسەلدى.
2016-يىلى ئاتالمىش شىنجاڭغا كومىنىستىك پارتىيەسى يېڭى نازىرى بولۇپ سايلانغان چېن چۇەنگو ئۈچۈن زامانىۋى تېخنىكىلار ۋە ھازىرقى باستۇرۇشلار يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ. ئۇ ئىلگىرى تىبەتتىكى نازارىتىدە ئىنتايىن ئېغىر بولغان يېڭى بىخەتەرلىك سىياسىتي قوللانغان بولۇپ، تىبەت ئاھالىسىگە قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇش بىلەن بىرگە ساقچى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچى خادىملىرى ئۈچۈن چىقىمنى چوڭ كۆلەمدە كۆپەيتكەن. بۇ تېخنىكا ۋە ئىنسان كۈچى مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان لىنىيە خاراكتېرلىق نازارەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بىر يازغۇچىنىڭ ئېلىپ ئېيىتقىنىدەك، شىنجاڭ يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان قاباھىتى ۋە بىر ئىرقچى ساقچى دۆلىتىدۇر.
ئەيمي ۋولفسۇن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ،ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا تولىمۇ قىزىقىپ قالغانلىقىنى ،2015-يىلىدا ئەنگىلىيە رەئىسى جورج ئوسبورننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، بۇيەرنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئەنگىلىيە باشىلىقى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە يەنە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەنگىلىيە سابىق باش مىنىستىرى دەيۋىد كامېروننىڭ، ئاتالمىش بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلىشىنىڭ ئنشاسى ئۈچۈن قۇرۇلغان 750مىليون دوللارلىق ھۆكۈمەت ياردەم فوندىغا باشچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ يەنە ماقالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدا، شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيلەش لاگېرلىرى ھەققىدە شۇلارنى يازغان:
ئەك يېڭى ۋە ئىنساننى ئەڭ ئەندىشىگە سالغىنى،ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ قايتا تەربىيلەش لاگېرلىرىغا قامال قىلىنغىنىدۇر. جىنايەتچى قانۇننىڭ قاتتىق مۇئامىلىە قىلىشىغا ئۇچرايدۇ،قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلار بولسا ئاچلىق ۋە سۇسۇزلىقتا قالدۇرىلىشى ھەتتا تەن جازاسىغا يولۇقىشى مۇمكىن.
خىتاي رېجىمى لاگىرلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپىدىكى دوكتور ئەدرىيان زەنز ئەپەندى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئىنسانلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قۇرغان تەسىسلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزى قىياسلارغا ئاساسلانغاندا، بىر مىليونچە ئىنسان نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە كىچىك بالىلارنىڭ باققۇچىسى بولمىغانلىقتىن، دۆلەت پاراۋانلىق ئورنىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
جېرېمى خانت بىر خىتاي مەدەنىيىتى مەستانىسىدۇر ۋە ئۇنىڭ خىتايدا ئىللىق قارشى ئېلىشقا ئۇچرىشى تەبىئىدۇر. ئۇ ئېنىقكى خىتاي زىيارىتىدە تىجارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ لېكىن ئۇ توغرا بولغاننى قىلىشى يەنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى لازىم.
دېگەندەكلا بۈگۈنكى خەۋەرلەردە جېرېمى خانتنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ خىتاي مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقاندا ۋە ئايالىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى دەيمەن دەپ ئايالىم ياپونلۇق دەپ سالغانلىقى دۇنيا ئاخباراتىدا قاتتىق كۈلكىگە سەۋەب بولدى.
ئەيمىي ۋولفسون خارۋارد قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2017 - يىلىدا قاۋاقخانىغا مەسئۇل قىلنغان. ئەيمىي جىنايەت، تېررور ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق تېمىلارغا قىزىقىدۇ.
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پ. كۈرەش
31/07/2018


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ