ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياستى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-04 11:55:00 جەمئى 1279 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياستى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياستى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
4- يانۋار appledaily تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يولغان قويغان ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان» سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان.
خەۋەردە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقىتىۋاتقان ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان» سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق ئەيىبلەنگەنلىكى، ئەمەلىيەتتىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان يولسىزلىق چەكتىن ئاشقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى كوچىلاردا، بازارلاردا، يوللاردا كۆزىتىش كامېراسى قويۇپ كۆزىتىپ رازى بولماي ھەتتا ئىشىك ئالدىغا كامېرا ئورناتقانلىقى، شۇنچە زىچ نازارەت قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن يەنە خاتىرجەم بولالمىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چىرايلىق ناملار بىلەن ئائىلىلەرگىچە جاسۇس كىرگۈزگەنلىكى، شۇ سەۋەبلەردىن بىر قىسم ئاخبارات ئورۇنلىرى خىتاينىڭ « ئاتالمىش قوشماق » سىياسىتىنى « شەرقىي تۈركسىتان يېزىلىرىغا چۈشكەن ئالۋاستى » دېگەن سۆز بىلەن ئاتىسا، بىر قىسم ئاخبارات ئورۇنلىرى« كۈتۈلمىگەن مېھمان» دەم ئاتىغانلىقى، بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرى« شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئائىلىسىگە كىرگەن جاسۇس» دەپ ئاتاشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ