ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونىڭ كۈچەيتىلىشى تەلەپ قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-05 15:24:08 جەمئى 889 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونىڭ كۈچەيتىلىشى تەلەپ قىلىندى

خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونىڭ كۈچەيتىلىشى تەلەپ قىلىندى

4‏-ئىيۇن ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورىدا بىر پارچە ماقالەئېلان قىلىنىپ،  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دە خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال-ياراق ئىمبارگوسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان .

خەۋەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1989‏-يىلى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتايغا بىخەتەرلىك ئەسۋاپلىرى ۋە قورال-ياراق ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن چىقارغانلىقى، بىراق مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىش يېقىنقى 29 يىل مابەينىدە كۈنسىرى بوشىغانلىقى بلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مايكېل كەستېر س ن ن تېلېۋىزاىيە تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئىمبارگونىڭ بىكار قىلىنماسلىقى، بەلكى ئۇنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى، «تيەنئەنمىن ۋەقەسى» باستۇرۇلۈپ ئاز كەم 30 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ، بىراق خىتايدا باستۇرۇش تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى، ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ رەقەملىك كۆزىتىش سىستېمىلىرىنى قويۇپ كىشىلەرنىڭ بارلىق كۈندىلىك ھاياتىنى كۆزىتىۋاتقانلقى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە يەنە «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى سىياسى تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە تولۇ كەتكەنلىكىنى، «ئۇنىڭغا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ قامالغانلىقى» نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

 ماقالىنىڭ ئاخىرىدا «بىز تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقنىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرلەۋاتقان مەزگىلدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە يۈرگەنلەرگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق جازالاش تەدبىرىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ