ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئادەم يۆتكەش داۋاملاشماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-09 19:41:16 جەمئى 761 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئادەم يۆتكەش داۋاملاشماقتا

خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئادەم يۆتكەش داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي مەخسۇس خىزمەت ھەيئىتى تەشكىللەپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان.
لېكسىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئۇلارنى يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە پاراۋانلىق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇلاردىن سىرت خىتاي يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپ، يەسلىلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، ئوخشاشلا مائاش، تەمىناتلارنىڭ يۇقىرىلىقى، قوبۇل قىلىش تەلىپىنىڭ تۆۋەنلىكى، ھەتتا مەخسۇس كۇرس سەۋىيەسىدىكى خىتايلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن خىزمەت ئورنى بىكار قالغان. بۇنىڭدىن سىرت خىتاي تىلى مائارىپىنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتاي ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشقا ئېھتىياج تۇغۇلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ