ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتايدىكى پارتلاشتا 13 كىشى ئۆلدى

خىتايدىكى پارتلاشتا 13 كىشى ئۆلدى

9- ئاۋغۇست شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 13 كىشى ئۆلگەن.

خەۋەردە، خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق پانجۇ شەھىرىدىكى جوڭروڭ خەلقئارا ئىشەنچ بىرلەشمە سودا شىركىتى قارمىقىدىكى كۆمۈر كانىدا ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، نەچچە ئون سائەت داۋاملاشقان قۇتقۇزۇش خىزمىتى نەتىجىسىدە   پارتلاشتا ئۆلگەنلەردىن 9 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى، پارتلاشتا ئۆلگەن 4 كىشىنىڭ جەسىدى تېپىلمىغانلىقى، ۋەقەدە 13 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

پارتلاش سەۋەبى ھەقىقىدە  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ