خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن
2- ئۆكتەبېر تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۆلەتلىك ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئاۋغۇست ئېيىدا 706 مىڭ 372 كىشى (ئا)، (ب) ۋە (س) دەپ ئاتالغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغان، بۇلاردىن 1983 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، خولېرا (ئا) گۇرۇپپىسىدا، تۇبېركۇليوز، جىگەر ياللۇغى؛ سوزنەك (ب) گۇرۇپپىسىدا، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى ۋە قول – پۇتلاردا مەيدانغا كېلىدىغان ئاقسىل كېسەللىكى؛ (س) گۇرۇپپىسىدا، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كېسەللىكلىرى، دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇ كېسەللىكلەر ئارىسىدا، يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرى ئەڭ كۆپ (ب) گۇرۇپپىسىدا مەيدانغا كەلگەن.