ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خوش خەۋەر...

خوش خەۋەر...
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا كۆپ تەرەپلىمە ياردەم قىلىۋاتقان ئىنسانى ياردەم ۋەخپى (ıhh ) بىلەن تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى ھەمكارلىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن ئىقتىسادى قىينچىلىقى سەۋەبلىك داۋالىنىشقا قۇربى يەتمىگەن ئېغىر كىسەللەرنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ داۋالاش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى. داۋالىنىشقا ئېھتىياجى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋاقتىدا تىزىملىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: قېرىنداشلىرىمىز كېسەلنىڭ تۇرى ۋە ئىسمىنى ئېنىق بىلىشى ياكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن تىزىملىتىشى كېرەك.
تىزىملاش ئورنى: ئىستانبۇل ساڧاكۆيدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئوغۇللار قۇرئان كۇرسى
ئالاقە قىلغۇچى: سابىر داموللام
ئالاقە نۇمۇرى: 05416731539
ئىستانبۇل زېيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ئۈستىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىشخانىسى.
ئالاقە قىلغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
ئالاقە نۇمۇرى: 05387207030
نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى دۇكىنى
ئالاقە قىلغۇچى: نۇربىيە خانىم
ئالاقە نۇمۇرى: 109 6683(505) 90+
تىزىملاش ۋاقتى: 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە
تېنىڭلارغا ساغلاملىق، ھەممە ئىشىڭلارغا ئۇتۇق تىلەپ : شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ