ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خوراز بىلەن تۈلكە

بۇ ئامېرىكا ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس قىلىپ ئۆتىلىدىغان بىر ھېكايە بولغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىستراتېگىيە دېگەن نېمە؟ قانداق قوللىنىلىدۇ؟ دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئويلىنىپ كۆرىشىڭىزگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن. 
ئەسكەرلەر يىغىن زالىدا رەتلىك ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىسىنى ساقلاۋاتقان ۋاقىتتا زالنىڭ چىراقلىرى ئۆچۈپ، بىر كارتون قويۇلۇشقا باشلايدۇ. فىلىمنىڭ ئىسمى، كىچىك تۇخۇ بولۇپ، 
فىلىمدە بىر توخۇ كاتىكى، كاتەكنىڭ ئىچىدە ناھايىتى كۆپ توخۇلار بىلەن ياش ۋە كىچىك خورازلار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا كاتەكنىڭ قېرى چوڭ خورىزىمۇ بار. كاتەكنىڭ ئەتراپىدا بولسا بىر قېرى تۈلكىنىڭ ئايلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى 
قېرى چوڭ خوراز، تۈلكە كاتەكنىڭ ئىچىگە كىرىۋالمىسۇن دەپ ئىشىكىنى مەھكەم ئېتىۋالغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن سىرتقا چىقىپ دانلىرىنى يېيەلمىگەن كاتەك ئىچىدىكى تۇخۇلار بەكلا ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى. قېرى خوراز بولسا بۇلارغا ئۆلمىگىدەك دەرىجىدە قوناق دانىلىرىنى تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق تۇخۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايدۇ. 
كاتەككە كىرەلمىگەن تۈلكە بىر ھازا ئايلانغاندىن كېيىن كاتەكنىڭ بىر بۇرجىكىدىن كىچىككىنە بىر تۆشۈك ئاچىدۇ. ئاندىن بىر ياش خورازنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا بىر سىقىم قوناق بېرىدۇ. ئۇ خوراز كېلىپ قوناقنى يەيدۇ. ئەتىسىمۇ يەنە قوناق بېرىدۇ. ياش خوراز ئۇ قوناقنىمۇ يەيدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تۈلكە ئۇ ياش خوراز يالغۇز يەپ بولالمىغۇدەك قوناق ئېلىپ كېلىپ تۆكۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوراز قوناقلاردىن ئۆزى يېگەندىن باشقا، ئەتراپىدىكى باشقا تۇخۇلارغىمۇ تارقىتىپ بېرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا- ئاستا كاتەكتىكى قېرى خورازنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ. 
شۇنداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرى خورازنىڭ ئېتىبارى ئاجىزلاپ ئەتراپىدىكى تۇخىلار ئازىيىپ، ياش خورازنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان تۇخىلار كۆپىيىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۈلكە كېلىپ ئىشىكنىڭ ئالدىغا قوناق تۆكۈپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كاتەكتىكى توخۇلار ئىشىكنى ئېچىش، ئاچماسلىق توغرىلىق قاتتىق تالاش- تارتىش قىلىشىدۇ. تەرەپتارلىرى كۆپىيىپ، سەمرىپ بوي تارتىپ قالغان ياش خوراز تەرەپتارلىرى ئۇتۇپ چىقىپ قەپەسنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇ قوناقلارنى دەرھال كاتەككە ئەكىرىۋالىدۇ. بىر مەزگىل مانا مۇشۇنداق بولىدۇ ئەمما ھېچ بىر كۆڭۈلسىزلىك بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۇخىلارنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشىدۇ. ئەمدى ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان بولغان تۇخۇلار سەمرىشىپ، ئۇ ياش قەھرىمان خورازغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقىپ تەييار قوناقلاردىن يەپ، سەمرىپ خاتىرجەم ياشايدۇ. 
بۇ ۋاقىتتا كاتەكتىكى تۇخۇلارنىڭ ھەممىسى سەمرىيدۇ. تۈلكە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كېچىدە كېلىپ كاتەك ئالدىدىن ئۆزى ياشايدىغان ئۈڭكۈرگىچە قوناق چېچىپ قويىدۇ. ھېچ نەرسىدىن خەۋپسىرىمەيدىغان بولغان تۇخۇلار ئەتىگىنى ئويغىنىپ، قوناقلارنى كۆرگەندىن كېيىن قورقۇسىز، بىغەملەرچە قوناق يىگەچ تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرىگە بارىدۇ. تۈلكە بارلىق تۇخۇلار ئۈڭكۈرگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈڭكۈرنىڭ ئىشىكىنى دەرھال تاقايدۇ. كارتون فىلىم بۇ كۆرۈنۈش بىلەن تۈگەيدۇ. 
زالنىڭ چىراقلىرى يېنىپ، ئوقۇتقۇچى سەھنىگە چىقىدۇ ۋە: 
3-  دۇنيا دۆلەتلىرى مانا مۇشۇنداق باشقۇرىلىدۇ دەپ دەرسىنى باشلايدۇ.
خۇلاسە ۋە سوئاللار: 
1- كاتەك نىمە؟ 
2-  قېرى خورازلار كىملەر؟ 
3-  ياش خوراز كىمۇ، ھازىر نېمىش قىلىدۇ؟ 
4-  ئەڭ مۇھىم بولغىنى، تۈلكە كىم؟

 ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ