ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خوتەندە كەنت كادىرلىرىمۇ خىتايچە سۆزلىشىشكە مەجبۇرلانماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-04 15:32:19 جەمئى 3279 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل بىر قىسىم جايلاردا كەنت كادىرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىنى چەكلىگەن ۋە بۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە سۆزلىشىشنى «تەشەببۇس» قىلغان.

خوتەندە كەنت كادىرلىرىمۇ خىتايچە سۆزلىشىشكە مەجبۇرلانماقتا

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تېلېفۇن زىيارەتلىرى ئارقىلىق ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، شەرقىي تۈركسىتاندا ئالدىنقى يىللىرى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىشىنى چەكلىگەن خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل بىر قىسىم جايلاردا كەنت كادىرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىنى چەكلىگەن ۋە بۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە سۆزلىشىشنى «تەشەببۇس» قىلغان. 

رادىئونىڭ خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كېرىيە ناھىيە شەنبەبازار يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر كەنت سېكرېتارى مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتايچە تەلەپپۇزىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرغان بۇ كادىر «سىز ئۇيغۇرمۇ؟» دېگەن سوئالغا خىتايچە «ۋو شى جۇڭگورېن» (مەن جوڭگۇلۇق) دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە «ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر دېسىڭىز جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكىڭىزنى رەت قىلغانلىق بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدى.

مۇخبىر ئۇيغۇر سېكرېتارنى ئۇيغۇرچە سۆزلىتەلمىگەندىن كېيىن، بۇ سېكرېتارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىگەن كېرىيە بازارلىق ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلغان. بۇ خادىم مەزكۇر سېكرېتارنىڭ خىتايچە گەپ قىلىشىنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، خوتەندە بىر يىلدىن بۇيان ئاساسى قاتلامدىكى ئۇيغۇر كادىرلارغا خىتايچە سۆزلەشنىڭ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

 كېرىيە بازارلىق ساقچى خادىمى دۆلەت تىلىدا سۆزلىشىشنىڭ بىر تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ خىزمەت داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا ئالدى بىلەن خىتايچە گەپ قىلىدىغانلىقىنى، خىتايچىنى پەقەتلا چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا ئاندىن ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ھەتتا خىتايچە بىلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولغان، ياشانغان كىشىلەرگىمۇ ئالدى بىلەن خىتايچە سۆزلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. گەرچە بۇ خادىم بۇنداق خىتايچە سۆزلىشىشنىڭ بىر بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان، ئىزچىل ھالدا بىر تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، گەپ ئارىسىدا يېقىن ئاغىنىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىمۇ خىتايچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە سۆزلەشمەسلىكنىڭ خۇددى ئۆتكەن يىلى مەكتەپلەردە بولغاندەك بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ