ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ختاي ئامېرىكا پالاتاسىغا سونۇلغان تەكلىپكە نارازىلىق بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-15 14:24:40 جەمئى 15386 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پالاتاسىغا سونۇلغان « تىبەت قانۇن تەكلىپى»گە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ختاي ئامېرىكا پالاتاسىغا سونۇلغان تەكلىپكە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پالاتاسىغا سونۇلغان « تىبەت قانۇن تەكلىپى»گە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

لۇ كاڭ باياناتىدا،  ئامېرىكا پالاتاسىغا سونۇلغان قانۇن تەكلىپىنىڭ خىتايغا قارشى ئىكەنلىكىنى، خىتاي بۇ تەكلىپنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى،  ئامېرىكىنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنى قانۇنلىشىشتىن توسۇپ قىلىشقا چاقىرغان.

لۇ كاڭ باياناتىدا 2015  يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىدىن تىبەتكە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 40 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى، پالاتاغا سۇنۇلغان مەزكۇر قانۇن تەكلىپنىڭ ھېچ قانداق ئورنى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ئامېرىكىلىق مەسئۇللار ژۇرنالىستلار بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن تىبەتكە بېرىشىغا يول قويۇلىشى كېرەكلىكى، ئەگەر يول قويمىسا  خىتاي دائرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «2018 يىللىق تىبەتكە ئۆز-ئارا بېرىپ كېلىش» قانۇن تەكلىپىنى سۇنغان بولۇپ، بۇ تەكلىپ 11 - سىنتەبىردە پالاتا تەرىپىدىن تەستىقلانغان. ھازىر بۇ تەكلىپنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزالىشىلا قالغان.

ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى روبېرت مېنېندېر بۇ ھەقتە توختۇلۇپ،«خىتاي دائىرلىرى ئامېرىكىغا كەڭ كۆلەمدە بېرىپ كېلىش ئاسانلىقىدىن پايدىلاندى بىراق ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۇنداق ئەمەس، خىتاي بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تېبەت رايونىدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىپ، باشقا دۆلەت ۋە چەت ئەل تەشكلاتلىرى ياكى شەخسلەرنىڭ قىلغان ھاياھەت پالىيەتلىرىنىڭ ھەممىنى چەكلەپ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋالغانلىق، دەپ كەلمەكتە.» دېگەنلەرنى  بىلدۈررگەن. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ