ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خانىم - قىزلارنىڭ كاسىسىنى ياپقان كۆينەكلەر كېسىلمەكتە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-13 11:22:26 جەمئى 8090 قېتىم ئوقۇلغان.

خانىم - قىزلارنىڭ كاسىسىنى ياپقان كۆينەكلەر كېسىلمەكتە

خانىم - قىزلارنىڭ كاسىسىنى ياپقان كۆينەكلەر كېسىلمەكتە 
13- ئىيۇل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرى كۆينىكى كاسىسىنى ياپقان ئۇيغۇر خانىم قىزلارنىڭ كۆينەكلىرىنى كېسىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدىكى سۈرەتلەر تارقالدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2013- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ ئۇزۇن پەلتۇ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىشىنى چەكلەشكە باشلىغان. تىزىدىن ئاشقان پەلتۇ ۋە كۆينەك كېيگەن خانىم- قىزلارغا جەرىمانە قويغان ھەمدە كوچىلاردا توسۇپ تىزدىن ئاشقان كۆينەك ۋە پەلتولارنى مەجبۇرى كېسىۋەتكەن. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىدە ۋە دۇنيا قارشى بويىچە كىيىنىشنى چەكلەپ خىتايغا ئوخشاش كىيىندۈرۈپ ئاسسمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولىشىچە، خانىم- قىزلارنىڭ تىزدىن ئاشۇرۇپ كىيىشنى چەكلەپ مەقسىدىگە يەتكەن خىتاي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېخىمۇ تىزلىتىپ ياش خانىم- قىزلارنىڭ كاسىسىنى ياپقان كۆينەكلىرىنى كوچىلاردا تۇتقان يەردە كېسىشكە باشلىغان.
تەھلىلچىلەر: ئۇيغۇرلارغا قانداق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشنى خالىسا ھېچقانداق توسالغۇسىز يۈرگۈزۈپ كەلگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ ئۇيغۇرلارغا خالىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ ئويۇنچۇق سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلماقتا دېيىشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ