ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خالىمبېك: ئەگەر مېنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە جان تومۇرۇمنى كېسىمەن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-08 15:17:22 جەمئى 2828 قېتىم ئوقۇلغان.

خالىمبېك: ئەگەر مېنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە جان تومۇرۇمنى كېسىمەن

خالىمبېك: ئەگەر مېنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە جان تومۇرۇمنى كېسىمەن

قازاق خەۋەرلەر تورىنىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قازاق كىشى تاشكەنتتە خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىش خەۋپى ئىچىدە قالغان.
خەۋەردە خالىمبېك شاگماننىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ، تايلاند ئارقىلىق ئالمۇتىغا كەلگەندە قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ قازاقسىتانغا كىرگۈزمىگەنلىكى، ئارقىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە كەلگەنلىكى، ئەمما ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، چېگرادىن چىقىرىۋېتىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خالىمبېك شاگمان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئاز دېگەندە 20 يىللىق كېسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆزىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن قۇتقۇزۇپ قېلىشنى خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىپ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، ئەنگلىيە پىرېزىدېنتى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى، مەن خەتەر ئىچىدە قالدىم، خەتەردىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم قىلىڭلار، مېنىڭ ئۆلۈمدىن باشقا تاللىشىم قالمىدى. مەن ئۆلۈمگە تەييارلىنىپ بولدۇم، كىم مېنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دەپ كەلسە، جان تومۇرۇمنى كېسىمەن» دېگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ