<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جەننەت، جەننەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ چاقناپ تۇرغان نۇر،ئۇنىڭدا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان رەيھانلار، كاتتا ياسالغان قەسىرلەر ،مەڭگۈ ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر،مەي باغلىغان ‏مېۋىلەر مۇلايىم،گۈزەل ،مەڭگۈلۈك ھەمراھ ھۆر پەرىلەر باردۇر.ئۇ تۈگىمەيدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.

 دوكتور مۇھەممەد نەئىم

جەننەت، جەننەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ چاقناپ تۇرغان نۇر،ئۇنىڭدا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان رەيھانلار، كاتتا ياسالغان قەسىرلەر ،مەڭگۈ ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر،مەي باغلىغان ‏مېۋىلەر مۇلايىم،گۈزەل ،مەڭگۈلۈك ھەمراھ ھۆر پەرىلەر باردۇر.ئۇ تۈگىمەيدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.شەكسىزكى ئۇ جەننەت بىز تەلەپ قىلىدىغان مەنزىلگاھىمىزدۇر،غايىمىزدۇر.ئۇ ئاللاھ ئۆزىنىڭ دوستىلىرىغا،ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە تەييارلىغان بۈيۈك مۇكاپات، چەكسىز ساۋاپ ۋە سۈپەتلەشكە تىللار ئاجىزلىق قىلىدىغان ھەتتا سۈپەتلىگىلى بولمايدىغان مۇكەممەل نېمەتتۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىزگە ئەقلىمىز يەتمەيدىغان جەننەت ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.چۈنكى بىز ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھەشەمەتلىكلىرىنى ،دەرىجىلىرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا قادىر ئەمەسمىز،ئۇنىڭدا كۆزلەر كۆرۈپ باقمىغان،قۇلاقلار ئاڭلاپ باقمىغان،ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ھېچ كېچىپ باقمىغان نېمەتلەر باردۇر.كىمكى ئۇنىڭغا كىرىدىكەن مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن بولىدۇ.   ئېرىشكەن بولىدۇ.‏ئۇ يەردە كىيىملەر كونىرىمايدۇ،ياشلىق خورىمايدۇ.ئىنسان بۇ ھاياتتىن ھەرگىزمۇ زېرىكمەيدۇ.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جەننەت چەكسىز كەتكەن بىرلا ماكان دەپ پەرەز قىلىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە جەننەت بىرلا  بولماستىن بەلكى ئۇ نۇرغۇن دەرىجىلەرگە ئايرىلغاندۇر. سۇيۇتى قۇرتۇبى ۋە ھەلىمىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:ھەر بىر جەننەت دەرىجىلەرگە بۆلۈنگەن ،ئىشىكلەرگە ئايرىلغان بولىدۇ. ھەقىقەتەن جەننەت نۇرغۇنلىغان دەرىجىلەرگە ‏ئايرىلغاندۇر،ھەدىسلەردە ھەربىر دەرىجە ئارىسى خۇددى زىمىن بىلەن ئۇپۇقتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئارىسىدەك كېلىدۇ، دەپ سۈپەتلەنگەن.ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىۋەسسەلەم مۇنداق دېگەن:ھەقىقەتەن جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنى ئۇلاردىن تۆۋەن دەرىجىدىكىلەر خۇددى سىلەر ئۇپۇقتىكى يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ تۇرغاندەك كۆرۈپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر ئۇلاردىندۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر

ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلىللاھ ئەلەيھىۋەسسەلەم مۇنداق دېگەن :جەننەتتە يۈز دەرىجە بار،ھەربىر دەرىجىنىڭ ئارلىقى يۈز يىللىق مۇساپىدۇر.ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:قارىلار جەننەتكە كىرگىنىدە ئۇلارغا ئوقۇغىن ۋە ئۆرلىگىن! دەپ خىتاب قىلىنىدۇ.ئاندىن ئۇ ئوقۇيدۇ ۋە ھەر بىر ئايەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەيدۇ.بۇ تاكى ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنى ئوقۇپ تۈگەتكۈچە داۋاملىشىدۇ. بۇ يەنى جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ سانى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:ھەقىقەتەن جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ سانى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سانى بىلەن ئوخشاشتۇر.ئەگەر قارىلار جەننەتكە كىرسە جەننەتتە ئۇلاردىن يۇقىرى كىشى بولمايدۇ‏.‏

‏مەناۋى (رەھىمەھۇللاھ) مۇنداق دەيدۇ:«جەننەتتە يۈز دەرىجە بار» دىگەن ھەدىس بىلەن قارىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنى ئوقۇغانغا قەدەر دەرىجىسىنىڭ ئۆرلەپ يۈز دەرىجىدىن ئېشىپ كىتىشى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن ھەدىس ئارسىدا ھىچقانداق زىتلىق يوق، چۈنكى بۇ يۈز دەرىجە ئارىسىدىكى ھەر بىر دەرىجە نۇرغۇنلىغان كىچىك دەرىجىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جەننەتتىكى يۇقىرى مەرتىۋە ۋە كاتتا قەسىرلەرگە ھەرگىزمۇ پۇل-مېلىڭىز بىلەن، مەنسىۋىڭىز بىلەن ۋە ياكى بالىلىرىڭىز بىلەن ئېرىشەلمەيسىز. ئۇلارغا پەقەت ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللىرىڭىز بىلەنلا ئېرشەلەيسىز.

 «ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتنىڭ ئېسىل ئۆيلىرىدە ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ».

 (سۈرە سەبەئ 37-ئايەت)

 ئاللاھ تائالا بىزگە سۈرە تاھە دە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە جەننەتتە يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ تەييارلانغانلىقى بىلەن خۇش بىشارەت بېرىدۇ.

«كىمكى مۆمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھقا مۇلاقەت بولىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ»

. (سۈرە تاھە 75-ئايەت)

 شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن سالىھ ئەمەللەرنىڭ ساۋابىمىزنى كۆپەيتىپ، جەننەتتىكى دەرىجىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئىد ئبنى ئەبۇ ۋەققاس كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دىگەن:«ئەگەر سەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر ياخشى ئەمەل قىلساڭلا دەرىجەڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ ۋە سەن ھەرگىزمۇ ساۋاپتا باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالمايسەن.

بىلىشىڭىز كېرەككى ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، بۇ دەرىجىلەر قۇرۇق ئارزۇ-ئارمان بىلەن ئەمەس بەلكى نۇرغۇنلىغان تەييارلىق ۋە تىرىشچانلىق، سالىھ ئەمەل ۋە پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بويسۇنۇش بەدىلىگە قولغا كىلىدۇ. ئى قېرىندىشىم! سىز سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش ئارقىلىق جەننەتتىكى دەرىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بەل باغلاڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۆمىننىڭ جەننەتتىكى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىۋىسىنى يۇقۇرلىتىدىغان بەزى ئەمەللەرنى بايان قىلىپ بەردى ۋە بۇ ‏ئەمەللەرنىڭ بىرى سەبىردۇر. سەبىر ئىككى خىل بولىدۇ: شەرئىي ئەھكاملارغا سەبىر قىلىش ۋە مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىش

1. شەرئى ئەھكاملارغا سەبىر قىلىش ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللارنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپات نېمدىگەن ياخشى! ئۇلار(ھىجرەت قىلىشنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە ئاللاھنىڭ يولىدا يەتكەن ئەرزىيەتلىرىگە سەبىر قىلىدۇ. (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ» (سۈرە ئەنكەبۇت58-59-ئايەت)

شەرئى ئەھكاملارغا سەبىر قىلىشتىن مەقسەت: ئۆز نەپسىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن توسۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇھەممەد، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن(يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ(سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغۇچە سەبىر قىلغىن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر.» (سۈرە يۇنۇس 109-ئايەت).

ئاللاھ تائالا سۈرە فۇرقاندا بەندىلىرىنى ۋە ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلەنگەن بۈيۈك ئەمەللىرىنى ۋە ئۇلار بۇ بۈيۈك ئەمەللىرى بىلەن لايىق بولغان مۇكاپاتلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۇ بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ئەزىيەتلىرىگە سەبىر قىلغانلىقلىرىنىڭ مېۋىسى قىلىپ تەييارلىغان جەننەتتىكى ئالىي ئورۇنلارنى تىلغا ئالىدۇ.ئەنە شۇلار سەبىرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.

سۈرە فۇرقان 57-ئايەت.

كىمكى سالىھ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى خالايدىكەن، ئۇنى ئادا قىلىشتا (جاپا-مۇشەققەتلەرگە) سەبىر قىلىش كېرەكتۇر.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سەبىر ئىككى خىلدۇر: ھاراملاردىن ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشتا سەبىر قىلىش. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشتا سەبىر قىلىشتۇر. ئىككىنچى خىلدىكى سەبىرنىڭ ساۋابى كۆپ بولۇپ چۈنكى ئۇ ئەسلى مەقسەتتىكى سەبىردۇر. ئۈچىنچى خىلدىكى سەبىر:مۇسىبەتلەرگە، بالا-قازالارغا سەبىر قىلىش بولۇپ، ئۇمۇ خۇددى گۇناھلارغا تەۋبە قىلغانغا ئوخشاشلا ۋاجىپتۇر.

ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆز نەپسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشقا ۋە چەكلەنگەن ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا بويسۇندۇرۇشى كېرەك، ۋە بۇلارغا ئەمەل قىلىشتا سەبىر قىلىشى ۋە ئۆز نەپسىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ساۋاپنىڭ كاتتىلىقى بىلەن تەسەللى بېرىش ۋە ئۇنىڭغا بۇ ساۋاپلارنى ئارزۇ قىلدۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئىنساننىڭ تەبىتىگە ئۆز خاھىشىغا ئەگىشىش سىڭىپ كەتكەندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زىمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن (سۈرە مەريەم 65-ئايەت).شۇنداقلا مۆمىنلەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا ئۆز-ئارا سەبىرنى ۋە شەرئىي تەكلىپلەرنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ھېچ بىر شىكايەتسىز ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشى لازىمدۇر.بۇلار پەقەت ئىككى ئىش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ،ئۇلار ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت ۋە ئۇ زاتتىن قورقۇشتۇر.بىز ئاللاھ خالىسا مانا مۇشۇ مۇھەببىتىمىز ۋە قورقۇنچىمىز بىلەن ھەقىقىي مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز.ئىبنى قەييۇم جەۋزى مۇنداق دەيدۇ:«قورقۇش سۆيگۈنىڭ ھەمراھىدۇر،ئەگەر ئۇ ئىككىسى بىرلەشسە نەتىجىسى بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بولىدۇ. ‏‏

شەرئىي ئەھكاملارغا سەبىر قىلىشنىڭ ساۋابى ئەمەلنىڭ ۋە شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاشمايدۇ،بۇ ساۋاب پىتنە-پاسات كۆپەيگەن ۋە دىننىڭ ياردەمچىلىرى ،قوللىغۇچىلىرى ئازايغان زامانلاردا 50 شېھىدنىڭ ساۋابى باراۋىرىدە كۆپىيىدۇ.بۇ زامان دەل دىننىڭ غېرىپلەشكەن ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ (ئەقىدىسىنىڭ) چېكىنگەن زامانىدۇر،ئۇ چاغدا دىننى چىڭ تۇتۇپ ماڭغۇچىنىڭ ھالى ئۇ ئۇچرىغان ئەزىيەت،سىناق ۋە قىيناشنىڭ قاتتىقلىقىدىن خۇددى چوغنى تۇتۇپ تۇرغۇچىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن سىلەردىن كېيىنكى بىر زامانلاردا دىننى چىڭ تۇتۇپ،سەبىر قىلغۇچىغا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن 50 شېھىدنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ».ھەممەيلەنگە مەلۇمكى قىيامەت كۈنى شېھىدلەرنىڭ ساۋابى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ،ئۇنداقتا ئويلاپ بېقىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابە-كىراملىرىدىن 50 شېھىدنىڭ ساۋابى قانچىلىك دەرىجىدە يۇقىرىدۇ؟

شۇنداقلا مەئقىل ئىبنى يەساردىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسمۇ پىتنە-پاسات كۆپەيگەن،كىشىلەرنىڭ ئىشلىرى قالايمىقانلاشقان ۋە ئۇلار دىندىن يىراقلاشقان مۇشۇنداق بىر زامانلاردا ئىبادەت قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ يۇقىرىلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) مۇنداق دېگەن :«پىتنە- پاسات زامانىدا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى خۇددى مېنىڭ ئۈچۈن ھىجرەت قىلغاننىڭ ساۋابى بىلەن باراۋەردۇر.

2.مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىش

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇم بىر مەرتىۋىسى بولىدۇ، ئەگەردە ئۇ كىشى ئەمەللىرى بىلەن ئۇ مەرتىۋىگە يېتەلمىسە، ئاللاھ ئۇنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار بىلەن تاكى ئۇشبۇ مەرتىۋىگە يەتكۈچە سىناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»

ھەقىقەتەن تۈرلۈك سىناقلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا بېكىتىپ بەرگەن قانۇنىيىتىدۇر. بۇنىڭدىن مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن مەيلى كاپىر بولسۇن ھىچكىم خالىي ئەمەستۇر.

: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :«سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىگە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يىتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىرگە ئېلىنىش، كىسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر.

 ( (سۈرە ئال ئىمران 186-ئايەت)

شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنى (يەنى ئەر-ئايالنىڭ مەنىسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى) ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى

كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆردىغان قىلىپ ياراتتۇق»

( سۈرە ئىنسان 2-ئايەت)

«ئىنسانلار (ئىمان ئېيتتۇق) دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلمىز دەپ ئويلامدۇ» (سۈرەئەنكەبۇت 2-ئايەت).

ئەمما مۆمىنلەر بۇ مۇسىبەتلەرگە رازىلىقى، سەۋىرچانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاپنىڭ كاتتىلىقىغا بولغان ئىشەنچى بىلەن يۈزلىنىدۇ.

ئەجىبا سىز ئاللاھنىڭ سىزنى ياخشى كۆرگىنىدە سىزگە بولغان سىناقلارنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟ ئەگەر بىر ھۆكۈمران ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىدىن بىرەرىنى ياقتۇرۇپ قالسا ئۇنىڭ تېخىمۇ راھەت-پاراغەتلىك، باي-باياشات تۇرمۇش كەچۈرشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بولغان نېمەتلىرىنى (تارتۇقلىرىنى) كۆپەيتىدۇ، سېخيلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ ۋە ئۇنى يۇقۇرى مەنسەپلەرگە ئولتۇرغۇزىدۇ. ئەمما شاھلارنىڭ شاھى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە بولسا بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرگىنىدە ئۇلارنى سەبىر قىلالىسا دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سىنايدۇ، ‏ئەپسۇسكى بۇ ئىش كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئاللاھقا قارىتا يامان گۇمانلاردا بولىشىدۇ. يەنى ئاللاھ ئۇلارنى سىنىغىنىدا بولسا ئاللاھنى ئۆزلىرىگە غەزەپلەندى دەپ گۇمانلىنىشىدۇ. مەھمۇد ئىبنى لەبىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشچە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:«ئاللاھ بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرگىنىدە ئۇلارنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ، سەبىر قىلغانلار ۋە سەبىرسىزلىك قىلغانلار ئۆز ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»

مۇھەممەد ئىبنى خالىد چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ بىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىققىنىدا ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىق خەۋىرى يىتىدۇ، ئۇ قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا:«مەن يېنىڭغا زىيارەتچى، كېسەل يوقلىغۇچى ۋە خۇش بىشارەت بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم» دەيدۇ. قېرىندىشى:«قانداق بولۇپ بۇلارنى بىرلا ۋاقىتتا قىلدىڭ؟» دېگىنىدە، ئۇ:«مەن ئۆيۈمدىن سىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىققانىدىم، ئاندىن ماڭا سېنىڭ كېسەل بولغانلىقىڭ خەۋىرى  يەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ زىيارىتىم كېسەل يوقلاش بولدى ۋە مەن ساڭا پەيغەمبەرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن خۇش بىشارەت بەرمەكچى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«ئەگەر بىر بەندىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇم بىر ماقام ئىرادە قىلىنغان ۋە ئۇ بۇ ماقامغا ئەمەللىرى بىلەن يېتەلمىگەن بولسا، ئاللاھ ئۇنى تېنى،مېلى ۋە ياكى بالىلىرى بىلەن سىنايدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا شۇ ئىرادە قىلىنغان ماقامغا يېتىشى ئۈچۈن سەبىر ئاتا قىلىدۇ»

ئەگەر سىز كىچىك ۋە ياكى چوڭراق كېسەللىكلەر بىەن سىنالسىڭىز

 (بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز(يەنى ئاللاھنىڭ بەندىللىرىمىز) چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز) دىيىشىڭىز، سەبىرنى ئۆزىڭىزگە زىننەت قىلىشىڭىز، ھەمدىنى كۆپلەپ ئېيتىشىڭىز لازىم. چۈنكى سىز مۇشۇ ئەمەللىرىڭىز بىلەن ئاللاھ سىزگە ئىرادە قىلغان يۈكسەك ماقامغا ئېرىشەلەيسىز. ئەلۋەتتە بۇ مۇسىبەتلەرگە ئىلاج قىلىش، كېسەللىكلەردىن شىپا تېپىش ئۈچۈن شەرىئەت يولغا قويغان سەۋەبلەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ.

بەزى كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشلەر ئۆزلىرىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغىنىدا ئۆز ھاللىرىدىن نارازى بولىشىدۇ ۋە ساغلام كىشلەرنى ئۆزلىرىدىن ياخشىدەك ھېس قىلىشىدۇ. لىكىن ئۇلار ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ قىيامەت كۈنى مۇسىبەت ئىگىلىرىگە قانداق كاتتا ساۋابلارنى تەييارلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشچە پەيغەمبەر مۇنداق دەيدۇ:«قىيامەت كۈنى دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ساغلام ياشىغان كىشلەر مۇسىبەت ئىگىلىرىگە ساۋاب بېرىلگىنىدە، كاشكى دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ئۆتنىگە بېرىلگەن بولسىچۇ دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ» ۋە يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن مۆئمىنلەر بىر-بىرىنى كۈچەيتىدۇ، مۆئمىن كىشىگە بىر تال تىكەن كىرسە ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەردىن ئەزىيەت يەتسە ئۇنىڭدىن بىر گۇناھ ئۆچۈرلۈپ مەرتىۋىسى بىر دەرىجە ئۆستۈرىلىدۇ» .مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىش مۆئمىننىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىدۇ.

قېنى، بىز نە‏ئىم جەننىتىدىكى دەرىجىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە قۇدرەتلىك ‏ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك مەرتىۋىگە ‏ئېرىشىش ‏ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى!!

ئاللاھتىن سىزنى ياخشىلىققا باشلىشىنى، ۋە سىزگە جەننەتتىن يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىشىنى، ۋە جەننەتتە پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار(راستچىللار) شېھىتلەر، سالىھلار بىلەن بىللە بولۇشقا نېسىپ قىلىشىنى سورايمەن. ئۇلار نېمىدىگەن ياخشى ھەمراھلار! بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قىيىن ئەمەستۇر. يولباشچىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىگە سالام يوللايمەن، پۈتۈن ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

رەتلەپ تەييارلىغۇچى : مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ