<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جەننەتتىكى ئاياللار ۋە ھۆرلەر
 

جەننەتتىكى ئاياللار ۋە ھۆرلەر

    ئاياللار ئەرلەر بىلەن ھەممىدە باراۋەر، ئاخىرەتتە مۆمىن سالىھ ئەلەر قانداق نېمەتتىن پايدىلانسا مۆمىن سالىھ ئاياللارمۇ ئوخشاش پايدىلىنىدۇ، دېگەننى بايان قىلىش ئۈچۈن ﷲ تائالا قۇرئاندا ئاياللار ھەققىدە گەپ ـ سۆز قىلدى. ﷲ تائالا سۈرە نسىانىڭ 124 ـ ئايىتىدە: << ئەر - ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ) >> دېدى.ﷲ تائالا مۆمىن سالىھ ئەرلەر جەننەتتە ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇردىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ: << ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ >> دەپ تەسۋىرلىدى. دۇنيادىكى چاغدا خۇدادىن قورقۇپ شېرىك ئەقىدە ۋە يامان قىلىقلاردىن ساقلانغانلارغا قىيامەت كۈنى ﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: << (ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال - خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ) >>قۇرئاندا خۇدادىن قورققۇچىلارغا مەخسۇس بولغان جەننەتتىكى نېمەت ھەققىدە مۇنداق بايانلار كەلدى: << (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۈرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز>>ھۆر دېمەك، تەنلىرى سۈتتەك ئاق، تۇم قارا كۆزلۈك قىزلار، دېمەكتۇر. سۈرە راھماننىڭ 72 ـ ئايىتىدە: <<ئۇلار (جەننەتنىڭ) چىدىرلىرىدا مەستۈرە ھۆرلەردۇر>> دەپ كەلدى. يەنى ئەھلى جەننىتىنىڭ ئاياللىرى قۇلالە قېپىدىن ياسالغان چېدىرلارنىڭ سىرتىغا چىقمايدۇ. ئۆز ئېرىدىن باشقىسىغا قارىمايدۇ، دېمەكتۇر. جەننەتتىكى كۆزى يوغان ئاق بەدەن ئاياللار دۇنيادىكى ئاياللارمۇ ياكى باشقا ئاياللارمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستۈدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەيلى! ئۇ ئاياللارنى تونۇشتۇرۇش توغرىسىدا ﷲ تائالا قۇرئاندا: <<شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق >> دېدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە: بىر قېرى ئايال مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئى ﷲ نىڭ پەيغەمبىرى!، ﷲ تائالانىڭ مېنى جەننەتكە كىرگۈزۈشى ئۈچۈن ماڭا دۇئا قىلسىلا، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى پالانىنىڭ ئانىسى! جەننەتكە قېرى ئايال كىرمەيدۇ» دېۋىدى. ئۇ ئايال يىغلىغانچە قايتىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: «ھېلىقى ئايالغا ئېيتىپ قويۇڭلار، قېرىلىق ھالىتى بىلەن جەننەتكە كىرمەيدۇ (ياش، قىزغا ئۆزگەرتىلىپ جەننەتكە كىرگۈزىلىدۇ). ﷲ تائالا قۇرئاندا <<جەننەتكە كىرىدىغان خاتونلارنى قايتا يارىتىمىز، قىزلارغا ئۆزگەرتىمىز، دەيدۇ» دېدى. بۇ ھەدىستىن مەلۇم بولۇشىچە ئايەتنىڭ مەنىسى: بۇ دۇنيادىن قېرىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولسا، ئۇلارنى ﷲ تائالا ياش ۋە تولغان قىزلارغا ئۆزگەرتىپ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتكە قېرى ھالەتتە كىرمەيدۇ، دېمەكتۇر. قۇرئاندا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نېمەتلەر، ئاخىرەتتىكى ھېسسىي نېمەتلەردۇر، بەزى ئىسلام دۈشمەنلىرى بۇ سۆزلەردىن يوچۇق تېپىپ ئىسلام دىنى ماددىي دىن، نەپسىي شەھۋەتكە بېرىلگەن دىن، روھىي نېمەت توغرىسىدا گەپ سۆز قىلمايدۇ، دەپ تەنە قىلىشتى. ھەقىقەت شۇكى، خرىستىئان دىنىمۇ ھېسسىي نېمەتلەرگە ئىشارەت قىلدى. مەسىلەن: پەيغەمبەرلەر ۋە مۇقەددەس دەپ تونۇلغان كىشىلەر ھېسسىي نېمەتلەرنى ﷲ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلاردا ئەكىس ئەتتۈردى ۋە شۇنداق سۈپەتلىدى. تەتقىقات يۈرگۈزگىچى بەزى مۇسۇلمانلار: قۇرئاندا سۆزلەنگەن ھېسسىي نېمەتلەردىن مەقسەت روھىي نېمەتكە يېتىشتۇر. چۈنكى، ئاخىرەتنىڭ روھىي لەززەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشتىن كۆپچىلىك خەلقنىڭ پىكرى سەۋىيەسى ئاجىز بولغاچقا ئۇنى ھېسسىي نېمەت ئىبارىلىرى بىلەن چۈشەندۈرمەي بولمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ﷲ تائالادىن تەلىم بېرىلگەن ئىسلام دىنىنى، ئەقىل ئۆتكۈر بولغان ئۆرنەك ئادەملەرگە تەلىم بەرمەستىن، ئۆز ئەتراپىدىكى ئومومىي خەلق ئاممىسىغا، پۈتۈن ھېسسىياتى ماددىي نېمەتكە باغلانغان ئادەملەرگە تەلىم بەرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئەقلىگە چۇشلۇق سۆزلەش لازىم بولغان ئىدى. مەسىلەن: قورسىقى ئاچ ئۇسسۇز ئەرەبكە سوغاق سۇ، ھەسەل، سۈت ئاقىدىغان ئۆستەڭلاردىن ئارتۇق گۈزەل ۋە ئارزۇلىرىغا مۇۋاپىق بىر نېمەت بولامدۇ؟ ئۇ ئەرەب يېشىل باغلىق مول مېۋە، دائىم تۇرىدىغان نازۇ نېمەتلەردىن باشقىسىنى ئارزۇ قىلامدۇ؟ ھېسسىي لەززەت ئارىلاشقان نېمەتتىن باشقىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، دېگەن كۆز قاراشقا كەلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ