ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈچۈن سوت ئېچىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-12 19:16:01 جەمئى 1254 قېتىم ئوقۇلغان.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈچۈن سوت ئېچىلدى

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈچۈن سوت ئېچىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز، بۈگۈن 12 – فېۋرال خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە ئىستانبۇل ئادالەت سارىيىدا سوت ئېچىلدى.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندا خەلقىمىز جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانغا ھەمدەم بولۇش، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، تۈرك ئادالىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئادىل ھۆكۈم قىلىپ قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا ئىستانبۇل چاغلاياندىكى ئادالەت سارىيى ئالدىغا توپلاندى.
ئابدۇقادىر ياپچان ئاكىمىز ئۈچۈن يىغىلىش چاقىرىقى خەلقئارا مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىقلاردىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، سوت مەيدانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋۇكاتى قىسقا بايانات بېرىپ، بۈگۈنكى سوتتا ئۇنىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سيېت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچان ئاكىمىز ئۈستىدىن تۈركىيىگە كۆپلەپ شىكايەت قىلىش، ھەرخىل تۆھمەتلەرنى ئارتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بۈگۈن ئىچىدە بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، خىتاي خۇددى ئابدۇقادىر ياپچانغا تۆھمەت ئارتقاندەك، 5 مىليونغا يېقىن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ھەرخىل تۆھمەتلەر جازا لاگېرلىرىدا تۇتماقتا، بىر ئابدۇقادىر ياپچان 35 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تەمسىل قىلىدۇ، 35 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىر ئابدۇقادىر ياپچاننى تەمسىل قىلىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز، نىيتىمىز بىر، بۈگۈن تۈركىيىدە ئادالەت تەجەللى قىلىدۇ دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باش كاتىبى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان سۆز قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە بۈگۈنكى سوت ئۈچۈن 16 ئادۋۇكات تەكلىپ قىلغانلقىنى ۋە بۈگۈن سوت ئەھۋالىنى كۈزىتىش چاقىرىلغان باشقا ئادۋۇكاتلار بىلەن 40 قا يېقىن ئادۋۇكاتنىڭ سوتتا ھازىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۈگۈن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قارار بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردىمۇ بۇ ئىشنىڭ قانۇنى جەريانىنى تەقىپ قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئادالەت سارىيى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن سوت مەيدانىغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئورۇن ۋە بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ جەمئىيەت تەرىپىدىن تاللانغان 30 كىشىنىڭ سوت جەريانىنى كۈزىتىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنى ئىسىملىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلار بىلەن مەھكىمىگە سالونىغا كىرىپ كەتتى.
ئۈچ سائەتتىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سوتتا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ مەھكىمىدىكى ئىپادىسى مۇنۇلار بولدى:
ئۇ خىتاي تەرىپىدىن ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى ئاڭلاپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كۆڭلۈم يېرىم بولغان شۇنى بىلدۈرىمەنكى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىشغالچىدۇر ۋە ئۇ يەرنىڭ ئىگىسى تۈركلەردۇر. ھازىر مەۋجۇت بولۇش ۋە يوق بولۇش ئارىسىدىكى بىر ئەھۋالدىمىز. مەن ئۇچرىمىغان زۇلۇم قالمىدى، مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالدىن قۇتقۇزۇشتىن باشقا مەقسىتىم يوق. ئىنسانلىق ھەقلىرىمىزنى قوغدىغانلىقىمىز ۋە ئۇ ھەقتە گەپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىشكەنجە كۆردۇق. نومۇسىمىز، غورۇرىمىز، شەرىپىمىز دەپسەندە قىلىنغاندا سۈكۈت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
كېيىن ئابدۇقادىر ياپچاندىن تەلەپلىرى سورالدى.
ئۇ جاۋابەن؛ ئەدلىيە كونتروللىقى تەدبىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە ئۆزىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
سوت ئاخىرىدا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەققى ساقلاپ قىلىنغان ئاساستا ئەدلىيە كونتروللىقى تەدبىرىنىڭ داۋام قىلىشىغا ۋە سوتنىڭ ئالدىمىزدىكى 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە قارار بېرىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ