<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ سانى ۋە قىيناش ئۇسۇلى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-22 15:22:46 جەمئى 8456 قېتىم ئوقۇلغان.

جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ سانى ۋە قىيناش ئۇسۇلى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى.

جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ سانى ۋە قىيناش ئۇسۇلى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى.
20- ئىيۇن china aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈىشچە، خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان جازا لاگېرى ئادەم تەسەۋۋۇرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
خەۋەردە گېرمانىيە ئاۋازى مۇخبىرلىرى تەپسىلى مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ جازا لاگېردىكى تاماق سۈپىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، جازا لاگېرىدا سۇلاپ قىيناپ ئاسىمىلياتسىيە قىلىش ئەڭ يۇقۇرىي پەللىگە چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
21- ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇۋاتقان مەلۇم ئوقۇغۇچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تەپسىلى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ ئىسپاتلاپ يېزىشىچە، خىتاي رىجىمى 300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە %90 كىشىنى تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا سولانغانلىقىنى، پەقەت غۇلجىدىكى 13 ئورۇندا جازا لاگېرىنىڭ بارلىقىنى، ھەر بىر ئورۇندا 20 مىڭدىن ئادەم بار ئىكەنلىكىنى، يېقىندا بىر تۇغقىنىنىڭ بالسى بىلەن ئالاقە قىلىپ، يۈرتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغاندا توغقىنى جاۋاب بېرىپ،« بىر ئائىلىدىن ئۆزىنىڭلا قالغانلىقىنى، ئۆزىمۇ بۈگۈن ياكى ئەتە تۇتۇپ كېتىلىش مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۆز- ئارا كۆرۈشكەندە« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم » دىيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، دېگەنلەرنىڭ جازا لاگېرغا بىر يىل قامالغانلىقىنى، « قۇرئان كەرىم » ئوقۇشنى بىلگەنلەرنىڭ 10 يىل كېسىلگەنلىكىنى، خىتاي دۆلەت مارىشىنى ئوقۇشنى بىلمىگەنلەرنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن جازالانغانلىقىنى ياكى جازا لاگېرغا قامالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەنلا بېرىش- كېلىش قىلىشقا، خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، جازالا لاگېرىدا ئەتتىگەندە يېسۋىلەك سۈيى ، چۈشتىن كېيىن سائەت 02 دە شوۋۇگۈرۈچ بېرىدىغانلىقىنى، بىر كۈندە پەقەت ئىككى ۋاقىت تاماق بېرىپ ئاچ قويۇق خورلىغانلىقىنى،، ئاچلىقتىن بولالمىغاندا قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى قويۇپ بېرىلگەن كۈنى ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي رېجىمنىڭ بۇ خىل قىيناشلىرىغا كۆپىنچە كىشنىڭ بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىنى، يېقىندىن بېرى خىتاي نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولغانلىقىنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىز- كېرىكىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ناتسىست گېتلېرنىڭمۇ يەھۇدىيلارغا قارشى بۇنچىلىك ھەددىدىن ئاشمىغانلىقىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىرقىي قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ