<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جازا لاگىرى مەسىلىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كۈنتەرتىپىدە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-07 14:48:49 جەمئى 2979 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

 جازا لاگىرى مەسىلىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كۈنتەرتىپىدە

تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى بولغان خەلقلەرنىڭ دېموكراتىڭ پارتىيىسى كوجائەلى مىللەت ۋەكىلى ۋە ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دوكتۇر ئۆمەر فارۇق گەرگەرلى ئوغلۇ Ömer Faruk Gergerlioğlu ئەپەندى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى ئېلان قىلىغان دوكىلاتقا كۆرە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگىرىغا قامىغانلىقى ۋە لاگىر ئىچىدە قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىغا سوراپ، مەسىلىنى مەجلىس كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى.

گەرگەرلى ئوغلۇ مەزلۇم كىم بولسا بولسۇن يېنىدا تۇرۇش، زالىم كىم بولسا بولسۇن قارشىسىدا تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەسىلىنى تەقىپ قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن مەسىلىگە ئالاقىدار سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سورىغان سۇئاللاردا، ب م ت بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ئىسمى بىلەن مەجبۇرى لاگىرلاردا تۇتۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قاتتىق ئەندىشە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان گەرگەرلى ئوغلۇ چاۋۇشئوغلىغا شۇ سۇئاللارنى قويدى:

خىتاينىڭ 1 مىليون ئۇيغۇر تۈركلىرىنى لاگىردا تۇتۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توغرىمۇ؟

بۇ مەسىلە ھەققىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە كەلگەن مەلۇمات بارمۇ؟

بۇلار توغرا بولسا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ لاگىرلاردا تۇتۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەر؟

بۇ لاگىرلاردا تۇتۇلغانلارغا قىيىن-قىستاققا بارغان قاتتىق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە يېتەرسىز تاماق بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توغرىمۇ؟

بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتايدىكى تۈركىيە بۈيۈك ئەلچىسى ۋە كونسۇل خادىملىرىدىن مەلۇمات ئېلىندىمۇ؟

مەلۇمات ئېلىنغان بولسا، بۇ مەلۇماتلار نېمە ئۈچۈن خەلققە بىلدۈرۈلمىدى؟

ب م ت ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلار توغرا بولسا خىتايغا نوتا بېرىش ھەققىدە ھۆكۈمەت ئويلاشتىمۇ؟

 ئاخىرقى ئون يىلدا تۈركىيەدىن قانچە ئۇيغۇر قايسى سەۋەپلەر بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلدى؟


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ