ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تەقۋا دارلىق
تەقۋادارلىق، دېگەن پەزىلەتلىك بىر ئەخلاق بولۇپ، قۇرئان بۇنىڭ بىلەن ھەربىر كىشىنىڭ باشقا خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ھەر بىر ئىنسان بىلەن ئۇنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا تەقۋا ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى بولغان سۆزلەر قۇرئاننىڭ ئەخلاققا، ئىجتىمائىي ئەھۋالغا دائىر ئايەتلىرىدە كۆپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىنساننىڭ ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىشى، ئۆزى زىيان تارتىشتىن ۋە باشقىلارغا زىيان كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىشتۇر. تەقۋانىڭ ئەسلى مەنىسى ئۆزىنى قوغداش، دېگەنلىكتۇر. ئىنسان ئۆزىنى قورققان نەرسىدىن قوغدايدۇ. قورقۇشنىڭ ئەسلىسى اﷲ تائالادىن قورقۇشتۇر. قورقۇش ئۈچۈن كىمدىن قورقىدىغانلىقنى ياخشى بىلىش لازىم. شۇڭا اﷲ تائالانى بىلگەن ئادەم ﷲ تائالادىن قورقىدۇ. ﷲ تائالادىن قورققان ئادەم ئۇنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمىزكى: تەقۋادارلار ئۆزلىرىنى بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ﷲ تائالانىڭ ئازابى ۋە كايىشىدىن قوغداپ قالغان كىشىلەردۇر. ئۆزلىرىنى قوغداش بولسا، ﷲ تائالا توختىتىپ بەرگەن چېگرادىن ئۆتمەسلىك (جىنايەت قىلماسلىق)، بۇيرۇغانلىرىنى لايىقىدا ئادا قىلىش ۋە توسقانلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن بولىدۇ. ﷲ تائالا پەقەت ئىنسانلارغا ياخشىلىق كەلتۈرىدىغان ئىشلارغىلا بۇيرۇيدۇ. ئىنسانىيەتكە زىيانلىق ئىشلاردىن توسىدۇ. قۇرئان تەقۋادارلىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى ۋە تەقۋادارلىققا كۆپ بۇيرۇدى. بۇ توغرىدا قۇرئان تەقۋادارلىق توغرىسىدا كۆپ خىل ئۇسلۇبلار بىلەن ئايەتلەرنى بايان قىلدى. قۇرئان ﷲ تائالادىن قورقۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: << ئى مۆمىنلەر! ﷲ غا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار >>. ﷲ تائالادىن ئۆز لايىقىدا قورقۇش بولسا، ئىبادەتتە دىلنى يالغۇز ﷲ تائالاغىلا خالىس قىلىش بىلەن مەخلۇقنى ئۇلۇغلاشتا، بويسۇنۇشتا ﷲ غا شېرىك قىلىشىتەك ۋە ﷲ تائالانىڭ يولىدىن ۋە ئادىل ھۆكمىدىن چىقىپ كېتىشىتەك ئىشلاردىن ساقلىنىش بىلەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىم تەقۋادار ئادەم ئۆزىنى زىيانلىق نەرسىلەردىن، ئازار ـ كۈلپەت يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن ساقلاپ قېلىش ۋە ئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئالىي غايىگە يېتىشكە توسالغۇ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشىتىن ئىبارەت، دەپ سۈپەتلىدى. شۇڭا ﷲ تائالا تەقۋادارلارنى ھەقىقىي ئىنسانىي ئۇتۇقلۇقلارنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان كىشىلەر، دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دېدى: << سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزكەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ﷲ غا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ﷲ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش- ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل- مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرىشىشىگە پۇل- مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ﷲ نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر >>. يۇقىرىقى ئالىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەرنى ﷲ تائالا تەقۋادار بەندىلەر، دەپ سۈپەتلىدى. قۇرئان كەرىمدە تەقۋادارلىق يۇقىرىقى سۈپەتلەرگىلا قىسقارتىلىپ قالماستىن تۆۋەندىكى سۈپەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ سۈپەتلەر بولسا، ئادىل بولۇشتۇر. ئادىل بولۇشمۇ تەقۋادارلىق جۈملىسىدىندۇر. ﷲ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دېدى: << (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر >>. باشقىلاردىن يۈز بەرگەن يامانلىقنى ئەپۇ قىلىش تەقۋادارلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ. ﷲ تائالا يۇقىرىقى قاراشنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى: << سىلەر ئۆتۈنسەڭلار (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر >>. دۈشمەنلەرگە قارىتا توغرا ئىش قىلىش ۋە ئادىل بولۇشمۇ تەقۋادارلىق قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. ﷲ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بۇ نوقتىنى چۈشەندۈرىدۇ: << سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار ئەگەر ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، سىلەرمۇ ۋاپا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ﷲ تەقۋادارلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىدىن قورققان، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، خىيانەت قىلمىغانلارنى) دوست تۇتىدۇ >>.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ