ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ساھابە كىراملار تەسبىھلىرىنى ۋە زىكىرلىرىنى كىچىك ئۇرۇقچىلار ۋە كىچىك تاشلار بىلەن سانايتتى.
 

تەسۋى بىلەن زىكىر قىلىش ھەققىدە

 

ئىسلام دۇنياسىدا مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ زىكىر قىلىش ئۈچۈن كەڭ دائىردە قوللىنىپ كەلگەن تەسبىھ زادى قاچاندىن بېرى يولغا قويۇلغان؟ بۇ خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قىزىققىشىنى قوزغىغان تېمىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ساھابىلارنىڭ ھاياتىدىن ئۆرنەكلەرگە قاراپ باقايلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ بىر ھەدىس شەرىپىدە مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ؛ تەسبىھ، تەھلىل ۋە تەقدىسنى داۋاملاشتۇرىڭلار ، غەپلەتكە چۈشۈپ قىلىپ تەھۋىد كەلىمىسىنى زىكىر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇنى بارماقلىرىڭلار بىلەن ساناڭلار، چۈنكى، بارماقلاردىنمۇ سورىلىدۇ، ۋە سۆزلىتىلىدۇ

ساھابە كىراملار تەسبىھلىرىنى ۋە زىكىرلىرىنى كىچىك ئۇرۇقچىلار ۋە كىچىك تاشلار بىلەن سانايتتى. مۇمىنلەرنىڭ ئانىسى بولغان سوفىيە ئانىمىزنىڭ 4000 ئۇرۇقچە بىلەن زىكىر قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە سەفىيە ئانىمىزنىڭ كىچىك تاشلار سېلىنغان بىر سىۋىتى بولۇپ، زىكىرلىرىنى بۇ تاشلار بىلەن ئادا قىلاتتى. سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ كىچىك تاشلار ۋە ئۇرۇقچىلار بىلەن زىكىر قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. فاتىمە ئانىمىزنىڭ زىكىرلىرىنى تۈگۈم تۈگۈلگەن يىپلار بىلەن قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۈگۈم تۈگۈلگەن بىر يىپى بار بولۇپ، زىكىرلىرىنى بۇنىڭ بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقى، زىكىرلىرىنى تاماملىماستىن ئۇخلىمايدىغانلىقى  بايان قىلىنىدۇ. ئەبۇ دەردا رەزىياللاھۇ ئەنھۇمۇ بىر قۇتۇنىڭ ئىچىدە ئەجۋە خورمىسىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئېلىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ، نامازدىن كېىن بۇ ئۇرۇقچىلار بىلەن زىكىرلىرىنى قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەلى رەزىيالللاھۇ ئەنھۇ؛ تەسبىھ نېمە دېگەنمۇ ياخشى ئەسلەتكۈچىدۇر، دېگەنكەن.

بۇرۇن ئۆتكەن ۋە كېيىن كەلگەن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ تەسبىھتە يامان كۆرۈلىدىغان بىر ئالامەت كۆرمىگەنلىكى، ئۇنى رەت قىلىدىغان بىر سۆز ۋە ئىپادىدە بولمىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئىمام سۈيۈتى مۇنداق دېگەن: تەسبىھ زىكىرنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ياردەمچى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنى ھەر كۆرگىنىمىزدە ئۇنىڭ ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغان بىر جابدۇق ئىكەنلىكىنى خاتىرلەيمىز. ئاللاھنىڭ زىكرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا سەۋەپ بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قانچىلىك ياخشى- ھە؟

بارماقلاردا زىكىر قىلغاندا ناۋادا سانىدا قالايماقانچلىق چىقمايدىغان ئىش بولسا بارماق بىلەن زىكىر قىلىشتېخىمۇ ياخشىدۇر. ناۋادا ساناشتا خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئىھتىمالى يۇقىرى بولسا تەسبىھ ئىشلىتىش تېخىمۇ ياخشىدۇر.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر تەييارلىغان.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ