ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تەرەپلەر قۇربانلىق ئىزدىمەكتە

تەرەپلەر قۇربانلىق ئىزدىمەكتە

2019- 01- 06

    شەرقى تۈركىستاندىن يەنىلا ياخشى خەۋەر كەلمەيۋاتىدۇ. سىياسىي ئويۇنلار ۋە خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان رىقابەتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەندۈرۈشمۇ قىيىن بولماقتا. بەزىلەر بۇ ئەۋھۋاللارنى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان خىتايقا قارشى پىلانلىغان سۈيىقەستى دېمەكتە. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى، شەرقى تۈركىستاندا زادى قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتلىقىنى ئېنىقلاش قىيىن بولىۋاتىدۇ. بۇ خىل چۈشەنچە مەسىلىنىڭ زادى قانداق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى توسۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ھەممە ئادەم بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا قىزىقىدۇ.

    شەرقىي تۈركىستاندا زادى نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ؟ بۇنى قىسقىچە قىلىپ سوئاللار ئارقىلىق بىلىشكە تىرىشىمىز.

    1- خىتايدا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى توغرىمۇ؟ خىتاي دەسلەپتە بۇ ئەھۋالنى رەد قىلدى. ئەمما كېيىن جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىپ، بۇلارنىڭ جازا لااگېرلىرى ئەمەس، تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلدى. لېكىن نېمە ئۈچۈن مۇنداق دېگەنلىكىگە دائىر قايىل قىلغۇدەك ھېچقانداق بىر ئىزاھات بەرمىدى. تەربىيىلەشتىكى مەقسەت نېمە؟ بۇنى چۈشەندۈرەلمىدى.

    2- بۇ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىنسانلار ئىچىدە كىملەر بار؟ بىز ئۈستىدە توختالماقچى بولغان ئەھۋال ھەممىگە ئايانكى، خىتاي خەلق ئىچىدە تونۇلغان ھېچقانداق دىنىي كىشىلەرنى خالىمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تونۇلغان دىنىي زاتلار بولسۇن، خەلق ئىچىدە تەسىرى بار كىشىلەردىن دېھقان بولسۇن، سەنئەتچى بولسۇن، ياكى پروفېسسور بولسۇن، يىغىپ ئېيتقاندا كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن ياشاۋاتقان ھەرقانداق كىشىگە، «بۆلگۈنچىلىك قىلدى» دەپ جىنايەت ئارتىدۇ. خىتاينىڭ ئۆزىگە خاس ئىدئولوگىيىلىك ھۆكۈمەت قورۇلمىسى مانا بۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. خىتاي دائىرلىرى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ۋە ئۇرۇغ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويماي كېلىۋاتىدۇ. مانا بۇلار شەرقى تۈركىستانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر پاجىئەلىك قىسمەت.

    3- خىتاي نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى داۋاملىق دائېش بىلەن  مۇناسىۋىتى بار دەپ تىلغا ئالىدۇ؟ چۈنكى خىتاي مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنى خەلقئارانىڭ نەزىرىدە تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ قوللىنىۋاتقان سىياسىتىنىڭ توغرا

ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا. شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەيىبلەپ تۇزاق

قۇرماقتا.

    4- خىتاينىڭ «قوشماق تۇققان سىياسىتى»دىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇ سىياسەت شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئەرلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، خىتاينىڭ ئەرلىرىنى بولسا ئەرلىرى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس بولمىسا كېرەك. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنى «ئىشچى » دېگەن نام بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىغا ئەۋەتىشىنىڭ ئارقىسىدا يەنە بۇ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانى بار.

    5- تۈركىيە نېمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتكە قارىتا ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ؟ بۇنداق بولىشىنىڭ ئارقىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل سەۋەب بار؛ بىرىنچىسى، سۈرىيە مەسىلىسىدە، ئاتتۇرا شەرقتە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئارىسىدا يۈز  بەرگەن كېلىپ- كېتىشلەر جەريانلىرىغا ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىماسلىقى شۇنداقلا خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشنى خالىمىغانلىقى. ئىككىنچىسى بولسا، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى.

    6- تۈركىيە شەرقى تۈركىستان خەلقىگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئالدى بىلەن خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك دېپلوماتىيە سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىشى كېرەك. ئىسلام ئىتتىپاقى تەشكىلاتى باشتا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پۈتۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا چاقىرىق قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە غەرب كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش كېسىلىگە چارە تېپىشى كېرەك. كۆپ ساندىكى غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ  شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىنسان ھەقلىرى نوقتىسىدىن قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋەتەنداشلىق ياكى ئىقامەت مەسىلىلىرىدە ياردەم قىلىشى لازىم.

    خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. خىتاي ئۆز خەلقىگە، مەندىن تاماق بىلەن بىخەتەرلىكتىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلما دېمەكتە. ئۇ بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق تەلەپنىڭ بىمەنە ئىكەنلىكىنى ئىما قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر دۇنيادا خىتاي 2030- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەندەك گەپلەر ئېقىپ يۈرمەكتە. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئەگەر تۈركىيە ۋە دۇنيا خەلقى مەسىلىگە پەقەتلا ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلسا خاتالاشقان بولىدۇ.

    خىتايغا، دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن «ۋەزىيەتكە ھاكىم بولۇش» بىلەن «باي بولۇش»نىڭ

ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىپ تونۇغاندىلا ئاندىن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى

ھېس قىلدۇرۇش لازىم. ئەگەر شەرقى تۈركىستاندا خىتاي داۋا قىلىۋاتقاندەك بەزى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بولسا، خەلقئارادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى لازىم. ئەگەر مۇنداق قىلمايدىكەن خەلقئارادا خىتايغا بولغان گۇمان تېخىمۇ كۈچىيىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن خىتاي تېخىمۇ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدۇ.

 

https://www.milligazete.com.tr/makale/1775907/mustafa-kaya/dengeler-kurban-istiyor


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ