ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تەبرىكنامە

تەبرىكنامە

ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىمخان مەخدۇمھاجىمنىڭ ئىزباسارى ئۇستاز ۋە قېرىندىشىم ئابدۇخالىق قارىمنىڭ دوكتورلۇق تەتقىقاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «ئىسلام شەرىئىتى» ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. ئاللاھ تائالادىن ئۇستاز دوكتور ئابدۇخالىق قارىم قېرىندىشىمنى ئىلمى، قابىلىيىتى، تەمكىنلىكى، بەسىيرىتى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق مەرتىۋىسىنى تېخىمۇ ئالىي قىلىپ بېرىشنى تىلەيمەن.
دوكتور ئابدۇخالىق قارىم ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن سەپداش بولۇپ خىزمەت قىلغان، بىرقانچە يىلدىن بىرى سۇتۇق بوغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى ئارقىلىق تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە ئادەم يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قىلماقتا، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ھەمدە ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
رەببىمىز دوكتورنى داۋايىمىز يولىدا خەلقىمىز ئۈچۈن سان ساناقسىز مەنپەئەتلىك خىزمەت ۋە ئۇتۇقلارغا يىتىشىگە ۋەسىلە قىلغاي!ئامىن ھۆرمەت بىلەن :ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ