<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەمەتكا، سەن پۇشايمان قىلامسەن؟ - دوغىلاققىنا كەلگەن، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايى كىشىگە ھەرگىزمۇ بىر مەھبۇسنى ئەسلەتمەيدىغان بۇ « بېنورمال» مەھبۇستىن قانداقلارچە بۇ سۇئالنى سوراپ قالغانلىقىمنى ئۆزەممۇ تۇيماي قالدىم. چۈنكى ئۇ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان « ئۆلۈم » مەھبۇسى ئىدى. سوراپ بولۇپلا قاتتىق بېئارام بولدۇم

 

 

تۈرمىدىن چىقىش 

ئاپتۇرى: ئەلسۆي

 _ مەمەتكا، سەن پۇشايمان قىلامسەن؟ - دوغىلاققىنا كەلگەن، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايى كىشىگە ھەرگىزمۇ بىر مەھبۇسنى ئەسلەتمەيدىغان بۇ « بېنورمال» مەھبۇستىن قانداقلارچە بۇ سۇئالنى سوراپ قالغانلىقىمنى ئۆزەممۇ تۇيماي قالدىم. چۈنكى ئۇ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان « ئۆلۈم » مەھبۇسى ئىدى. سوراپ بولۇپلا قاتتىق بېئارام بولدۇم.

 _ ئۇكام، مەن ھېچ نەرسىگە پۇشايمان قىلمايمەن. ئەكسىچە شۇ ئىشلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزنى تارتىپ ئالدى، بىزنى زۇلۇملارغا مەھكۇم قىلدى، دىنىمىزدىن، تىلىمىزدىن، دىلىمىزدىن ئايرىماقچى بولدى. قىرغىن قىلدى، سۈرگۈن قىلدى، سۇلغۇن قىلدى. مەن شۇلارنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرىنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈپ قويدۇم خالاس. بۇنىڭغا پۇشايمان قىلمايمەن ھەم پۇشايمان قىلىشقا ھەققىممۇ يوق! _ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بۇنداق سۆزلەرنى قىلار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. راستىمنى دېسەم بۇ كىشىنى چۈشەنمەيتتىم. مەنمۇ تېخى بۇ كامىرغا كىرگىلى ئىككى كۈن بولغان ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقى ماڭا نامەلۇم، ھەم ئۇلارنى بىلىشنىمۇ خالىمايتتىم.

 _ ئۇكام، ئادەم ھاياتى بىر قېتىم كېلىدۇ. مۇشۇ بىر قېتىملىق ھاياتىمىزدا توغرا يولنى تاپمىساق، ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە نىشانىنى بىلمىسەك، بىزنىڭ مال-چارۋىدىن پەرقىمىز قالمايدۇ. ئەتىدىن- كەچكىچە قورساق بېقىش، ئۆي ئىچى- تېشى، ئەۋلاد قالدۇرۇش، يېتىپ- قوپۇشنىڭلا كويىدا يۈرسەك، بۇنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى. ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئوخشاشلا قورساقنى دەپ، ئۇۋىسى- ئۆڭكۈرىنى دەپ، ئەركەك- چىشىسىنى دەپ، كۈچۈك-باچكىلىرىنى دەپ ياشايىدىغۇ. بۇلارنى ھاياتنىڭ مەنزىلى ۋە قىممىتى قىلىۋالساق، بۇ ھاياتتا مىڭ يىل ياشىغان بىلەن ئاشۇ ھايۋانچىلىكلا قىممىتىمىز بولىدۇ. رەزىل خىتاينىڭ ئالدىدا ئاشۇ ھايۋانچىلىك قىممىتىمىز بولسىغۇ كاشكى!... – بۇ كىشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويغانلىقىمغا تەن ئالدىم. شۇنداق، بۇ كىشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قويغان ئىدىم. تۈرمىدا بولماي، سىرتتا بولغان بولسام، بۇنداق سۆزلەرنى قىلىدىغانلارغا _ يوقىلە، قانداق ياشىسام ئۆزەمنىڭ ھاياتى، داۋاي!..._ دەپلا كېتىپ قالاتتىم. دېمىسىمۇ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى ئۇقمايدىغان بۇنداق «مەتو» كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى ۋە لەززىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن كۆرە تورخانىغا ئىككى سوم خەجلەپ قويۇپ بىر سائەت قىزلار بىلەن توردا مۇھەببەتلىشىش تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۇنداقلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇشقا قارىغاندا ناخشىخانا، ئۇسۇلخانىلاردا ماركىلىق تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ سەتەڭلەرگە پو ئېتىش ھوزۇرلۇق ئىدى. ئەمما بۇ جايدا ئامال يوقتە. ئۈچ يۈز سومغا بۈدرە قىلىپ بوياتقان چېچىمنى سىلاپ يالغاندىن ھىجىيىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇشقا تىرىشتىم.

 _ ئاكا، سېنىڭچە ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولالارمۇ؟ ....- ئاغزىمنى يىغماي يەنە سۆزلەپ قالغانلىقىمغا شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا پۇشايمان قىلىپ، ھودۇقۇپ كەتتىم. _ ئۇكام، بۇ چۈش ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە مەۋجۇد. بۇ ئارزۇ ئاتىلاردىن بىزگە مىراس قالغان ئارزۇ. ئەمدى بىز بۇنى بالىلارغا مىراس قويساق، بالىلار كىمگە مىراس قويىدۇ؟ بۇنى مىراس دېسەممۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىمىز. ئەگەر مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دېسەك، مۇشۇ يولدىن باشقا يولىمىز يوق. چېكىنەلمەيمىز. بەلكىم _ نېمە پايدا ئېرىشتىڭ؟ دەپ سورىشىڭمۇ مۇمكىن. مەندىن نۇرغۇن ئادەم سورىغان، يەنە شۇنداق جاۋاب بېرەي _ مەن ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى ۋە مەنىسىنى تاپتىم ، جەننەتنىڭ تۆرىگە ئېرىشىمەن. مەندەك ئادەملەر كۈرمىڭ. ئۆلگەنلەرمۇ كۈرمىڭ. ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ياكى ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى بىز خۇدانىڭ دەپتىرىدە ئۇنتۇلۇپ كەتمەيمىز. ئەمەلگە ئاشامدۇ، ئاشمامدۇ _ دەيسەن. بۇنى مەندىن ئەمەس، ئۆزەڭدىن سورا. سەن «بولىدۇ» دېسەڭ، ئۇ «بولىدۇ» دېسە، مەن«بولىدۇ» دېسەم، شۇ «بولىدۇ» غا قاراپ ماڭساق، ئىمانىمىز بۇنىڭغا مەزمۇت بولسا، بۇ چۈش ھامان رېئاللىققا چىقىدۇ. – گۇندىپايلارنىڭ كېلىپ ئىشىكنى ئۇرۇپ «ئىشارەت» قىلىشى بىلەن سۆز ئۈزۈلۈپ قالدى.

 سەھەر، ئۇنى گۇندىپايلار ئېلىپ مېڭىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ كىشەنلەنگەن قوللىرى بىلەن زەنجىرنى شاراقشىتىپ تۇرۇپ تېخى تۆنۈگۈنلا بەرگەن « مېيىتلىق» مەھبۇسلار فورمىسىنىڭ پېشىنى تارتىپ تۈزەشتۈرىۋېتىپ ماڭا تىكىلىپ _ بۈگۈن ھاۋا ياخشى بولغىدەك، كۆك ئاسماننى تازا كۆرىۋالىدىغان بولدۇم. بۈگۈن تويۇم بولدى، يىگىت! _ دېدى ئۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ. ئۇنىڭ مەغرۇر ھالىتى، تەمكىن سۆزلىرى ۋە قورقۇنچتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق كەيپىياتى مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى توزغاقتەك توزىتىۋەتكەن ئىدى . كۆز ئالدىمدىكى بۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان، پۇت- قوللىرى كىشەنلىنىپ قىزىل رەڭلىك تۆمۈر ئىشىكتىن قوراللىق يالاپ چىقىپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ سىماسى خۇددى نۇر ھالقىسى ئىچىدە ئۇپۇققا كۆتۈرۈلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى .

 بۇ ۋەقە دەل شۇ تۈرمىدىكى قىسقىغىنا سەرگۈزەشتەمگە قىممەت بەرگەن دەرس ئىدى. كېيىن ئاتا-ئانامنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئىقتىسادى ۋە يولى بىلەن بۇ بالا- قازالاردىن قۇتۇلۇپ چىقتىم. بىر پارچە « چەكلەنگەن كىتاب » نىڭ ياتىقىمدىن چىقىپ قالغانلىقى بىلەن ، سوراقسىزلا تۈرمىگە سولانغانىدىم. ئەمما ئۇ كىتاب راستلا مېنىڭ ئەمەس ئىدى. ئۇ كىتابتا نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقى ماڭا نامەلۇم ئەمما شۇ كىتابنى چەكلىگەنلەر ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا مېنى ھەقىقى جانلىق « كىتاب » بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئىدى. كاللامغا « جىسمىم تۈرمىدىن قۇتۇلدى، ئەمما روھىمچۇ؟» _ دېگەندەك سۇئاللار دائىم كېلىۋالىدىغان بولدى.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ