<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈرك يازغۇچى: ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈرىكى شەرقىي تۈركىستانغا...

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-07-26 17:07:09 جەمئى 14387 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈرك يازغۇچى: ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈرىكى شەرقىي تۈركىستانغا...

تۈرك يازغۇچى، تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى سادىق يالسىز ئۇچانلار تۈركىيەنىڭ «زامان» گېزىتىدە، «ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈرىكىگە، شەرقىي تۈركىستانغا...» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك - ئىسلام مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئالاھىدە ئورنىغا، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان كۆز – قاراش ۋە ھېس - تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ھەم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا تەۋسىيەلەردە بۇلۇندى.

ئۇنىڭ ماقالىسى گېزىتنىڭ 24- ئىيۇلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ماقالىسىنى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى 21- 22 ئۆكتەبىر كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ۋە يىغىندا سۆز قىلغانلىقى بىلەن باشلىغان. ئۆزىنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن تونۇش جەريانىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەن. خىتاي «يېڭى ئېرىشىلگەن زېمىن» مەنىسىدە شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان، ئەمەلىيەتتە تۈركىستاننىڭ شەرقىي بولغان بۇ ئەزىز زېمىندا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ بەرىكەتلىك دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجپ كەبى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ مۇشۇ زېمىندا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئاپتور نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ زور بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالغان.

ئاپتور شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدەت تەكىتلىگەن.

ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتور شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىد كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا تەۋسىيەلەردە بۇلۇنغان. ئۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قەرەللىك ھالدا يىغىن، كۆرگەزمە ۋە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۈنتەرتىپ يارىتىشى، بولۇپمۇ تۈرك مېدىيالىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق توغرا ئۇچۇرلارنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

دىلشات سۇلتان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ