<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن يېڭى يول خەرىتىسى ئىزدەش 1

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-09-04 17:56:26 جەمئى 6454 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن يېڭى يول خەرىتىسى ئىزدەش 1

سەلچۇق چولاكوغلۇ

تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى خەلقئارا سەھنىدىكى ئەڭ ھەرىكەتچان تەرەققىي قىلغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر، ئەمەلىيەتتە بۇ كۆپىنچە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بولغان خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ مەيدانىدا ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. شۇنداقتىمۇ، ھەرىكەتچانلىق پەقەت تۈركىيە ۋە خىتاي ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلىرىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھەتتا سىياسىي خاسلىقىدۇر. يەنە شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرىكەتچانلىق ئالاھىدىلىكى ئىككى تەرەپنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان ھەمكارلىق ساھەلىرىدىكى خېيم – خەتەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرىشى مۇمكىن. بۇلارنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، تۈركىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ھەر بەش يىل ياكى ئون يىلدا بىر يەرگە كېلىپ، ئورتاق تەسەۋۋۇرلىرىنى تۈزۈشى ۋە قايتا قاراپ چىقىشى، پۇرسەتلەرنى بايقىشى ۋە پايدىلىنىشى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆز – ئارا تەسىرنى ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن خەپنى ئېنىقلىشى ۋە ئازايتىشى لازىم.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەگرى – توقاي مۇناسىۋەتلەرگە بىر نەزەر

تۈركىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەگرى – توقايلىق ئىچىدە باشلانغانلىقىنى 1949- يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا تۈركىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە، 1949- يىلىدىن 1971- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئەنقەرە تەيۋەندىكى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىردىن – بىر ۋارىسى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تاللىدى. بۇ جەرياندا ئەنقەرە تەيۋەن بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كوممۇنىزمغا قارشى تۇردى ھەمدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھېچقانداق دىپلوماتىك ھەتتا ئىقتىساد ئالاقىسى بولمىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، 1971- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۈركىيە ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي ئالاقە ئورنىتىشى، رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرۇشى ھەمدە بېيجىڭ ۋە ئەنقەرەدە ئۆز – ئارا باش ئەلچىخانا تەسىس قىلىشى بىلەن ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل بولدى. 1980- يىللاردىن كېيىن تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ ئۆز – ئارا تېخى ئېچىلمىغان پۇرسەتلەر ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بېرىشنى باشلىشى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىدىكى ئاكتىپ يۈزلىنىش تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ چىقىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا تۈركىيەدە ئەگەر بىز ھەر بىر خىتايغا بىر كىلوگرامدىن ئورمان ياڭىقى ساتساق... دېگەندەك ئۈمىداۋار تەسەۋۋۇرلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن، يەنە كېلىپ، دۆلەت رەئىسى، باش مىنىستىر ۋە مىنىستىر سەۋىيىسىدىكى ئۆز – ئارا زىيارەتلەر باشلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خىتاي ھەتتا ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى(تۈركىي قانلىق مىللەت) ئالاقە كۆۋرۈكى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ئۇرۇندى. لېكىن، 1980- يىللاردا بۇ سىياسىي ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار شەكىللەنمىدى.

......

داۋامى بار

مەنبە: Turkish Weekly


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ