ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە ھىندونېزىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-01 18:58:22 جەمئى 1876 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيە ھىندونېزىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

 

30 – سىنتەبېر تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋە ئارقىسىدىن ھاسىل بولغان دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي زىيان ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «تۈركىيە، دوست ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ھىندونېزىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇپ، ئېھتىياجلىق بولغان ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەيياردۇر. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرىغا ۋە ھىندونېزىيە خەلقىگە سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۇلاۋېسى ئارىلىدا يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەش ۋە ئارقىسىدىن ھاسىل بولغان دېڭىز تاشقىنىدا ھازىرغىچە 1200 دىن كۆپ ئادەم قازا قىلغانىدى.مىڭلارچە كىشى يارىلاندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ