تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختالدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختالدى
21- يانۋار دۇنيا بۈلتەنى خەۋىرىدە مەلۇم بولىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەلۇت چاۋۇش ئوغلۇ بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختالغان.
ئۇزاقتىن بويان ھەممىگە كولاق يۇپۇرۇۋالغان مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلۇ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنىڭ، ئاسسمىلياتسىيە قىلىشلارنىڭ بارلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان يولسزلىقلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا كۈچلۈك شەكىلدە يەتكۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
تاشقى ئىشلار مىنستىرى مەلۇت چاۋۇش ئوغلۇ بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە يەنە، خەلق دېموكراتىيە پارتىيىسى مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر ڧارۇق گەركەر ئوغلۇنىڭ 18- يانۋار شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سورغان سۇئاللىرىغا بەرگەن يازما جاۋابىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.