ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى.


تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى.
14- نويابىر قىرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈىلىشىچە، : تۈركىيە ئەدلىيە مىنىسىتىرى ئابدۇلھېمىت گۈل بىلەن خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى ڧۇچىڭخۇا ئۆز- ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىم لاھىيەسى ئىمزالىدى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئابدۇلھامىت گۈل بايانات ئېلان قىلىپ،: «ئۇچرىشىشىمىز ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى، ئۇچرىشىشتا، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە، جۈملىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەدلىيە مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش، بۇ ھەقتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر گۈل، بۇ ئەھۋالنىڭ، ئىقتىسادىي، سودا ۋە سىياسىي ساھەلەردىن سىرت يەنە، ئەدلىيە ساھەسىدىمۇ پايدىلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ