ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ئىگە بولسۇن

تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ئىگە بولسۇن
ئابدۇراھمان ھەسەن ئەپەندى ئەنقەرەدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ  مۇئاۋى رەئىسى نەجمى يىلدىرىمنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېگە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈشۈشتە، نەجمى يىلدىرىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە دۇچ كىلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلاتتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئەتراپىدىكى تۈرك قېرىنداشلار ھەتتا ئىسلام ئەللىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچقاندق ياردەمچىسىنىڭ قالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېگە بولۇشنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىغاندا قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاقلارغا ئېگە بولغىنىدەك خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلەرنى توختىتىشقا دەۋەت  قىلىشىنى، بۇ زۇلۇملارنى خەلقئاردا تارقىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئابدۇراھمان ئەپەندىم يەنە، ئۇيغۇرلار خىتاي زۇلمى سەۋەبىدىن تۈركىيىگە كىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، بىراق تۈركىيىدىمۇ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىلمىگەنلىكىنى ، ئۇيغۇرلارغا ھازىرغا قەدەر ئىشقا ئورۇنلىشىش رۇخسىتى بېرىلمىگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە قاتتىق قىينالغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ