ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيەسابىق مېنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە بايانات چىقاردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-01-09 13:10:09 جەمئى 4636 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيەسابىق مېنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە بايانات چىقاردى

 

تۈركىيە مىللەتچى ھەركەت پارتىيسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق مېنىستىر كوراي ئايدىن ئەپەندى «تۈرك يۇردۇ خابەر» تور گېزىتىدە ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئىلان قىلىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرماسلىق ئۈچۈن تۈرك خەلقىنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

ئۇ باياناتىدا، 1990- يىلى خىتاي تاجاۋۇزى ۋە زۇلمىغا  قارشى قەشقەر بارىندا ئېلىپ بېرىلغان  جىھادى كۆرەشكە  قاتناشقان دەپ قارىلىپ ئۈچ يىل خىتاينىڭ ۋەھشى تۈرمىسىدە ياتقان ئۇيغۇرلارنىڭ  جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ 15 يىلدىن بىرى تۈركىيەدە مۇساپىر بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى،  2001- تۈركىيەگە كەلگەندىن  تارتىپ خىتاي زۇلمى ۋە تاجاۋۇزىغا قارشى دەۋاسىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن خىتاي ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھېچقاچان پېشىنى قويۇپ بەرمەستىن «تېرورچى ۋە مىللى بۆلگۈنچى» دەپ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ تۈركىيەدىن ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

باياناتنىڭ داۋامىدا، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى خىتاينىڭ ئەيىپلەشلىرى نەتىجىسىدە 2003- بىر قېتىم تۇتۇپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى، 2008- يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە  يەنە قايتا تۇتۇلۇپ يوزگات ۋېلايىتىگە پالىنىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن قويۇپ بىرىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ چەكلىمىلەر ئابدۇقادىر ياپچاننى ھەق دەۋاسىدىن قايتۇرالمىغانلىقىنى ھەمدە تېلېۋۇزۇر ۋە ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتە كەڭ تۈردە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، نەتىجىدە 2016- يىلى ئابدۇقادىر ياپچان پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىستىقلال تېلىۋىزىيسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىلىپ، ئارقىدىنلا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۇتۇپ كىتىلگەنلىكىنى، ھازىرغىچە قويۇپ بىرىلمەستىن كىرىكلى ئىلىدىكى چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى  ئوتتۇرىغا قويغان.

كۇراي ئايدىن ئەپەندى باياناتىدا يەنە، پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مۇستەھكەم تۇرىشىغا كۈچەۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي تەلەپلىرىگە مۇۋاپىق ھەركەتلەرنىڭ قىلىنىشى قانداق بىر ئەقىلنىڭ مەھسۇلى؟  خىتاي ۋە روسىيە ھەمكارلىقىدىكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نىڭ ئارقا سەھنىسىدە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۇتۇلىشى تاسادىپلا يۈز بەرگەن ئەھۋالمۇ؟ تۈركلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ۋە ھۆرلىكىنى قوغداش قاچاندىن بىرى «تېرورلۇق » دەپ قوبۇل قىلىندى؟  دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن  كىيىن، «قايتا-قايتا تۇتۇلۇپ  ھازىرغىچە قويۇپ بىرىلمىگەن بۇ مەزلۇم قېرىندىشىمىزنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلنمىدى. ئەگەر  يەنە جىمجىتلىق داۋام قىلىدىغان بولسا قېرىندىشىمىز ئابدۇقادىر ياپچان تۈركىيە سوتى ۋە ياۋرۇپا ئىنسان ھەقلىرى سوتىنىڭ خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە قارىماستىن خىتايغا قايتۇرىلىشى مۇمكىن.

بارلىق تۈرك خەلقى شنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەككى، ئابدۇقادىر ياپچان قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ رىئاللىقلار خىتايدا ئەمەس بەلكى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆز قارچۇقى، بېشىغا كۈن كەلگەنلەر پاناھلىنىدىغان، ئانىنىڭ قۇچىقىغا ئوخشاش بولغان تۈركىيەدە يۈز بەردى ۋە ھىلى ھەم يۈز بەرمەكتە» دەپ باياناتىنى داۋاملاشتۇرغان.

كۇراي ئايدىن ئەپەندى باياناتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان.

ئاي يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقى ھىمايىسىدىكى كۆك بايراق سەۋداسى ئابدۇقادىر ياپچان خىتايغا قايتۇرۇلمىسۇن!

تۈرك دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان تۈركىيەدە ھېچقانداق بىر كۈچ يۇقارقىدەك زۇلۇمنى قىلمايدۇ ھەم قىلالمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئىشىدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار. بۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. تۈرك دۇنياسىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى پۈتۈن سىياسىي پارتىيەلەرنى، تۈرك جامائەتچىلىكىنى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمەن!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ