ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيەدە مۇكاپاتلىق ئوقۇشنىڭ ئۇسۇللىرى


1.  تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى

قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2016-يىللىق تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ئىلتىماس قىلىش پەقەتلا تور ئارقىلىق بولىدىغان بولۇپ، باشقا يوللار بىلەن قىلىنغان ئىلتىماس قوبۇل قىلىنمايدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچىلار توردا ئېلان قىلىنغان كەسىپلەردىن ئۆزى خالىغان بىرىنى تاللىسا بولىدىكەن. تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە بىر يىل تەييارلىق سىنىپىدا تۈركچە ئۆگەنگەندىن كېيىن كەسىپ ئوقۇشىنى باشلايدىكەن.

بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتى بېرىلگەن www.turkiyeburslari.gov.tr ناملىق تور بېتىدە كۆرسىتىلگەنلەرگە ئاساسلانغاندا، ئايدا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 600 تۈرك لىراسى، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 850 تۈرك لىراسى، دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 1200 تۈرك لىراسى ئىكەن. ئوقۇش ھەقسىز بولۇپ كېلىش-كېتىش ئايروپىلان بېلىتى ياتاق ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى دۆلەت تەرىپىدىن تۆلىنىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە تۈركىيە دۆلەتلىك تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى ھەققىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نامزاتلار چەتئەللىك بولۇشى، تۈركىيەدە بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بولماسلىقى، ئەڭ كەچ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ30-كۈنىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇشى، ماگىستىرلىققا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1986-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى، دوكتورلۇققا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى، ئومۇمىي دەرس نەتىجىسى 75% پىرسەنت بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
*************
www.izden.cc
ئۇيغۇرچە تېخىمۇ كۆپ بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز ، ئىزدەن تورىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ !

2.  تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئوقۇش مۇكاپاتى

تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۈنىۋېرسىتى تىزىملىتىش ۋە قوبۇل قىلىش باشلاندى. 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 15ـ كۈنىگىچە ...
http://burs.diyanetvakfi.org.tr
باشقا مەزمۇنلار ئۈستىدىكى ئۇلانمىدا ...


3. تۈركىيەدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ـ يۆس ـ ( yös )
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۆس ئىمتىھانى باشلىنىپ بولدى ، 4ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى ئىمتىھان ۋاقتى ...
تىزىملاش ۋە باشقا ئۇچۇرلار
http://yos.istanbul.edu.tr/


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ